تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىق كېسىلى» گە گىرىپتار بولغان قىز ئارزۇسىغا يەتتى

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ ھويلىسىدا، جۇڭ جياۋجياۋ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردىن ھۇزۇرلانماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 20 ياشلىق جۇڭ جياۋجياۋ گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونى لياڭچىڭ بازىرى ناپىڭ كەنتىدە تۇغۇلغان. تۇغۇلۇپ ئۈچ يېرىم ئاي بولغاندا ئۇنىڭغا ئېغىر تىپلىق ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىق كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، ئىزچىل قان سالدۇرۇش ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن. 2017-يىلى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۇڭ جياۋجياۋنىڭ بەختسىز كەچۈرمىشىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەينى ۋاقىتتا، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭ جياۋجياۋ نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، 2018-يىلى، جۇڭ جياۋجياۋ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئارقىلىق گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كىرىپ ئاشپەزلىك ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى كەسپىنى ئۆگەنگەن. ھازىرقى جۇڭ جياۋجياۋ تەستە قولغا كەلگەن مەكتەپ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئۇ، كۆڭۈلدە ئارزۇ بولسىلا، ياشلىق گۈلىنىڭ چوقۇم پورەكلەپ ئېچىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ (ئالدى رەت سولدا) ۋە ساۋاقداشلىرى ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسىنى ئۆگەنمەكتە.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ (ئوتتۇرىدا) ۋە ساۋاقداشلىرى ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەززىلىك تائام ئېتىش مەشغۇلاتىنى كۆرمەكتە.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسىدە مەززىلىك تائام تىزىشنى ئۆگەنمەكتە.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ياسىغان مەززىلىك تائامدىن ھۇزۇرلانماقتا.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ (ئوتتۇرىدا) ۋە ساۋاقداشلىرى مەكتەپ ھويلىسىدا كېتىپ بارماقتا.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ ياتاقتا دورا ئىچىشكە تەييارلىق قىلماقتا.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ ياتاقتا دورا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى رەتلىمەكتە.

بۇ، بىر پارچە كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەت بولۇپ، سول تەرەپ ئۈستۈنكى سۈرەت: جۇڭ جياۋجياۋنىڭ 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يازغان ئارزۇسى؛ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى سۈرەت: گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونى پىڭخې كوچىسىدىكى ھاممىسىنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە، جۇڭ جياۋجياۋ ئۆگىنىش قىلماقتا (2017-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت)؛ سول تەرەپ ئاستىنقى سۈرەت: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇاڭشى ئىقتىساد-سودا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، جۇڭ جياۋجياۋ (سولدىن 1-كىشى) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە مەززىلىك تائام تىزىشنى ئۆگەنمەكتە؛ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى سۈرەت: جۇڭ جياۋجياۋ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆز تەسىراتىنى يازدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى