تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى تۇنجى تارقىتىلدى

  مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر خو شۇچياڭ: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مائارىپ ئىدارىسى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بىڭتۇەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپى ئۈستىگە ئالغان، ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا جەمئىيىتى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى ھەمكارلاشقان «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىل تەربىيە تەشۋىقات پائالىيىتى بىڭتۇەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ يۈز يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسىغا نەق مەيداندا يوپۇق ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق مەيداندا يەنە 4-ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش تەشۋىقات فىلىمى، «4- ماي روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتا مەن بار» ئاتكىرتكسىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش، 4-ماي ھەرىكىتى ياش-ئۆسمۈرلەر پوچتا ماركىسى توپلاش بىلىملىرى لېكسىيەسى، قىزىل پوچتا ماركىسى كۆرگەزمىسى، خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى؛ داڭلىق نەزمىچى، شىنجاڭ پوچتا ماركىسى توپلاش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ شۇخۇەن ئالايىتەن بىڭتۇەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئاتاپ «بىڭتۈەن 3-مەكتەپ نەزمىسى»نى يازدى ھەمدە نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. نەق مەيداندا يەنە ھەر بىر مېھمان ۋە ئوقۇغۇچىغا «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى» خاتىرە لىپاپىسى تارقىتىلدى ھەمدە باش تېمىلىق خاتىرە لىپاپىسى بىڭتۇەن 3-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر پوچتا ئىدارىسى پوچتا ساندۇقىغا سېلىندى. پائالىيەت ئاخىرىدا، مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار قىزىل پوچتا ماركىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىق 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش تېما قىلىنغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، جەمئىي 300دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى ۋە پوچتا ماركىسى توپلاش ھەۋەسكارى پائالىيەتكە قاتناشتى. «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى بىر يۈرۈشتە ئىككى دانە بولۇپ، پوچتا ماركىسى نۇسخىسىنىڭ نامى ئايرىم - ئايرىم ھالدا «4-ماي» روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر بولۇپ، پۈتۈن يۈرۈش پوچتا ماركىسىنىڭ قىممىتى  2.40 يۈەن. پوچتا ماركىسىنىڭ 1-نۇسخىسىغا تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىكى 4-ماي ھەرىكىتى قاپارتما نەقىشلىرى ۋە «4- ماي» ياشلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى چۈشۈرۈلۈپ، يۈز يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغان. پوچتا ماركىسىنىڭ 2-نۇسخىسىغا يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ تەسۋىرى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبراز ئېلېمېنتلىرى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك قىياپىتى ئىپادىلىنىپ، «يېڭى دەۋردىكى ياشلار يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىغا ئولتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تۈمەن چاقىرىملىق ئاسمىنىدا ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇش» دېگەن مەنا يورۇتۇلغان. ئىككى دانە پوچتا ماركىسى نۇسخىسى ئۈستىدىكى 100 رەقىمىنىڭ ئىجادىي شەكلى ۋە قىزىل لېنتا ئارقىلىق 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش قويۇق كەيپىياتى ۋە «4-ماي » روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ تەنتەنىلىكلىكى ۋە يۈكسەكلىكى نامايان قىلىنغان.

يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ تەسۋىرى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوبرازلىق ئېلېمېنتلار بىلەن ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، «يېڭى دەۋردىكى ياشلار يېڭى دەۋرنىڭ باھار شامىلىغا ئولتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تۈمەن چاقىرىملىق ئاسمىنىدا ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇش» دېگەن مەنانى يورۇتۇپ بەرگەن بىر دانە پوچتا ماركىسى.

تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىكى 4-ماي ھەرىكىتى قاپارتما نەقىشلىرى ۋە «4- ماي» ياشلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى چۈشۈرۈلۈپ، يۈز يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىپ بەرگەن تارىخىي كۆرۈنۈش.

«4-ماي ھەرىكىتىنىڭ يۈز يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى