تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنت ئاھالىلىرى تىككەن مايسىلار تۆمۈر چوققىسىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى

   مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇڭ چيۇ خەۋەر قىلىدۇ: يەر ئاغدۇرۇش، يەر تۈزلەش، ئوغۇتلاش، مايسا تىكىش .... بىر يىلدىكى مايسا تىكىش پەسلى يەنە يېتىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى تۇمشۇق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتتى، تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى ئېتىزلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  كەنت ئاھالىسى ئەخەت ئەمەتنىڭ بۇ يىل ھوسۇل ئېلىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى تۇمشۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، ئۇلار بۇ يىل «يېڭى شال 36 نومۇرلۇق» ئۇرۇقنى ئىشلەتتى، بۇ ئۇرۇقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 5.9 يۈەن، بۇ بۇرۇنقى ئۇرۇقتىن بىر ھەسسە قىممەت بولسىمۇ، بىراق بىر مو يەرگە تېرىغان ئون نەچچە كىلوگىرام ئۇرۇق ئارقىلىق، مو بېشى مەھسۇلاتىنى 100-130 كىلوگىرام يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 8 مو شاللىقىغا مايسا تىكىش خىزمىتى تاماملاندى.



مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى