تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چۆچەك شەھىرى: چۈجىلەر چۇكۇلداپ بېيىش ناخشىسى ياڭراتتى

  «بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى كاتەك ياساپ بەردى، بۇ يىل ھاۋا ئىللىشىغا ئەگىشىپ يەنە بىزگە چۈجە ئۇقۇشۇپ بەردى، مەن توخۇنى كۆپرەك بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بىر يىلدا، يەرلىك توخۇ ۋە يەرلىك تۇخۇم سېتىشتىنمۇ خېلى كىرىم قىلغىلى بولىدۇ!» چۆچەك شەھىرى ئابدۇرا يېزىسى كونېكومېي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شىڭ سەيلەن يېڭىلا سېتىۋالغان چۈجىلىرىگە قاراپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  چۆچەك شەھەرلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە يېرى ئاز، دائىم تۇرۇشلۇق ئائىلىلەرنىڭ يېشى چوڭراق بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كادىرلىرى، كەنت ئاھالە ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۆي قۇشلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەش، «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» تۈرلىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىكنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  2018-يىلى، خىزمەت ئەترىتى «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» ئېغىل-قوتان قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ، كەنتتىكى 20 ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 60 كىۋادرات مېتىرلىق كاتەك ياساپ بەردى. بۇ يىل ھاۋا ئىللىشىغىلا، يەنە شىخەنزىدىكى بىر چۈجە چىقىرىش مەيدانىدىن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن 1500دانە چۈجە ئۇقۇشۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ توخۇ باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  74 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ما ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن ياخشى، بۇلتۇر مەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچتۈم، بۇ يىل ھەتتا مەن باققان توخۇلارمۇ يېڭى كاتەككە ئىگە بولدى، تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ دۇڭيۇڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك، كېيىن بىز يەنە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئامما چۈشىنەلمىگەن يەرلەرگە جاۋاب بېرىپ،  قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىدا تېخىمۇ ياخشى مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  (ماقالىنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ رۇڭخۇا تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئەزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش