تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

20 نەچچە يېشىڭىزدا، ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەر بىر تىرىشچانلىقتىن ۋاز كەچمەڭ

  ياخشىمۇ ئەمەس، يامانمۇ ئەمەس بىر كىشىلىك خىزمەتنىڭ ھەر كۈنى مېخانىكىلىق تەكرارلىنىشى؛چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس ياشتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ كەلگۈسىگە نىسىبەتەن گاڭگىراپ قېلىشى ... تۇرمۇش بەلكىم بەزىدە ناچار بولۇپ قالىدۇ، بىراق، ئۇ ناچار بولسا ئۇنىڭغا قاراپ «ناچار»لىشىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق. كۈرەش قىلىدىغان ياشتا كۈچ چىقىرىپ، تۇرمۇشتىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇللارنى تۈزەش كېرەك، شۇندىلا كەلگۈسى يول تەكشى، راۋان بولىدۇ. ياخشىلىنىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەر بىر تىرىشچانلىقتىن ۋاز كەچمەڭ.

  1. ھەر ھەپتىدە مۇددەتتىن بۇرۇن كېلەر ھەپتىلىك پىلان ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىڭ.

  2. خىزمەت ئۈستىلىڭىزنى ياخشى رەتلەپ، ئەڭ مۇھىم خىزمىتىڭىزنى ئۈستىلىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

  3. بىر قېتىمدا زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەقەت بىرلا ئىشنى بىر تەرەپ قىلىڭ.

  4. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە 30 مىنۇت بېرىڭ، ھازىرقى ھالىتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ، كەلگۈسىگە قارىتا ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈڭ.

  5. ھەر كۈنى ئۆز نىشانىڭىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىڭ ھەمدە قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ نىشانىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

  6. نىشانىڭىزنى كۆرۈنمە ھالەتتە قىلىڭ، يان تېلېفونىڭىزنىڭ ياكى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكران تەگلىكى قىلىۋېلىپ، ھەركۈنى ئۆزىڭىزنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

  7. گەرچە ئەڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان خىزمەتلەرنى قىلسىڭىزمۇ، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىڭىزنى ئويلاپ تۇرۇڭ.

  8. «ئىش تىزىملىكى»دىكى خىزمەتلەرنى بىردىن-بىردىن تاماملاشنى ئىزچىللاشتۇرۇڭ.

  9. دېمەكچى بولغان گەپنى ئۈچ مىنۇت ئىچىدە تۈگىتىدىغان «گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلىدىغان» قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈڭ.

  10.ھەر قېتىم باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئاكتىپ ئاڭلاڭ.

  11. ئامال بار باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماڭ.

  12. ئۆگىنىش ھەمراھى تېپىڭ، يېرىم يولدا توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.

  13. ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارغا ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت بېكىتىڭ.

  14. تەپەككۇر يېتەكچى مۇددىئاسىدىن پايدىلىنىپ ئومۇمىي قۇرۇلمىنى ئىگىلەڭ.

  15. مەسىلىنى يەنە بىر نۇقتىدىن يەنە بىر قېتىم تەكرارلاڭ.

  16. باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئىچىدىن ئۆگىنىڭ، كاللىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىق قانچە كۆپ بولسا، رېئاللىقتا يۈز بەرگەن خاتالىق شۇنچە ئاز بولىدۇ.

  17. ئۈن ئېلىشنىڭ ئورنىغا قولدا يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى كۆپ قوللىنىپ، ھەر خىل ئوي-پىكىر ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.

  18. دائىم خاتىرە قالدۇرۇپ، خاتىرىلىگەن نەرسىلەرنى قەرەللىك رەتلەپ ئۆزلەشتۈرۈڭ.

  19. ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتكەنگە ئوخشاش ماتېرىياللارنى قىسقىچە بايان قىلىڭ، گۇمانلىق نۇقتىلار تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

  20. ھەر كۈنى 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ خاتىرە-تەسىرات يېزىڭ، توختاپ قالماڭ.

  21. ماھارەت ئۇزاققىچە داۋاملاشمايدۇ، مەشىق قىلمىسا ،ھەر كۈنى ئارقىغا چېكىنىدۇ.

  22. بىر يىل ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، تەكرارلاشنىڭ ئۆزى كۈچ.

  23. ھەمىشە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئاتلىنىڭ.

  24. ھەر كۈنى، قىلغۇڭىز كەلمەيدىغان ئىشتىن بىرنى قىلىڭ.

  25. ئاغرىنىشنى توختىتىڭ.

  26. ئارزۇ- ئارماننى بېسىپ قويماڭ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.

  27. ھامان بىر كۈنى، ئۆزىڭىز كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشىڭىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزار بولماڭ.

  28. كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىڭ.

  29. مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولۇڭ ۋە ياكى شۇ ئالدىراش ئىشلار قانچىلىك مۇھىم بولسۇن، چوقۇم «توختاش»نى ئۆگىنىۋېلىڭ.

  30. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇدا ئۆگىنىش قىلماڭ، ھەر بىر ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى چەكلىك بولىدۇ.

  31. ھەپتە ئاخىرى ئامال بار خىزمەتنى ئويلىماڭ.

  32. مۇھىمراق ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزىڭىزگە دەم ئېلىش بېرىڭ.

  33. ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىر قانچە ئاددىي ھەرىكەت ئىشلەپ، يەنە بىر قانچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، چوڭ مېڭىڭىزنى سەگەكلەشتۈرۈڭ.

  34. چوقۇم ھەركۈنى ناشتا قىلىڭ.

  35. مۇقىم ئۇخلاش ۋاقتى ياشلىقىڭىزنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

  36.ھەر كۈنى 15 مىنۇت ھەرىكەت قىلىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى