تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بوۋاقلارنى ھەر كۈنى يۇيۇندۇرمىسىمۇ بولىدۇ ‏

ماتېرىيال سۈرەت

  كىچىك بالىلارنىڭ مېتابولىزمى تېز بولىدۇ، تەر كۆپ چىقىدۇ، ئازراق ھەرىكەت قىلسىلا بەدىنى يېپىشقاق ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش ئۇلارنىڭ ھەر كۈنلۈك «زۆرۈر دەرسى» گە ئايلىنىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس.

  بوۋاقلارنىڭ تېرىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇمران بولىدۇ، شۇڭا مۇلايىملىق بىلەن پەرۋىش قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ تېرىسى چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئانچە كۆپ ماي چىقمايدۇ، تېرىسى يۇمران بولغانلىقتىن، كۆپ يۇيۇۋەتسە، بولۇپمۇ ھاۋا بىر قەدەر قۇرغاق بولىدىغان ئەتىياز، كۈز، قىش پەسىللىرىدە، ئەكسىچە تېرە يۈزىدىكى بىرقەدەر نېپىز قوغداش قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئۆمىلەشنى بىلمەيدىغان بوۋاقلارنىڭ بەدىنىمۇ پات-پات يۇيغۇدەك دەرىجىدە مەينەت بولمايدۇ.

  شۇڭا، بوۋاقلارنى ھەر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن كۆپ يۇيماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يازدا 2~1 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇندۇرسا بولىدۇ. ئەگەر بەدىنىنى يېپىشقاق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلساق، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىلمان لۆڭگە بىلەن بالىنىڭ يۈزى، بوينى، بىلەكلىرى، كۆكرەك، دۈمبىلىرى، يوتىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى سۈرتۈپ قويسا بولىدۇ. قىش كەلگەندە، يۇيۇندۇرۇش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، ئۈچ كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم يۇيۇندۇرسا بولىدۇ.

  بالىنى قانداق يۇيۇندۇرۇشمۇ بىر ئىلىم. ئۇخلاش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى يۇيۇندۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بار. بۇنىڭدىن سىرت، يۇيۇندۇرغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە℃36 ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەددىدىن زىيادە قىزىق بولۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ،℃ 36 ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ. يۇيۇندۇرغاندا نۇقتىلىق ھالدا كاسسا، بويۇن، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلارنى يۇيۇش كېرەك. بالىلارنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە (5 مىنۇت ئىچىدە) پۈتۈن بەدىنىگە تېرە سىلىقلاشتۇرۇش مېيى سۈرۈپ، تېرىنىڭ قوغداش توسۇقى پەيدا قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى