تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

ئىكولوگىيەلىك جۇڭگو. داڭلىق تاغلار، ھەيۋەتلىك ئۆتكەللەر تيەنجىننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى

    خۇاڭياگۈەن سەددىچىن سېپىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

     تيەنجىن شەھىرى جىجوۋ رايونى تيەنجىن شەھىرىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆپ بولۇپ، ھازىر پەنشەن تېغى، خۇاڭياگۈەن سەددىچىن سېپىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە دەم ئېلىش رايونلىرى شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە پەنشەن تېغى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى. پەنشەن تېغى ئېگىز ۋە تىك چوققىلار، غەيرىي تاشلار ۋە قارىغايلار، سۈپسۈزۈك بۇلاق سۇلىرى قاتارلىق مەنزىرىلەر بىلەن داڭلىق بولۇپ، تەبىئىي تاغ-دەريالار بىلەن مەشھۇر ئاسارە-ئەتىقىلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن داڭلىق ساياھەت مەنزىرە جايى ھېسابلىنىدۇ. خۇاڭياگۈەن سەددىچىن سېپىلى تاغ-دەريالارغا يانداش كەلگەن بولۇپ، راۋاقلار سېپىل ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ،  1400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، خۇاڭياگۈەن سەددىچىن سېپىلى تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھەيۋەتلىك سېپىل مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلب قىلىدۇ. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى «تيەنجىن كۈنى» پائالىيىتى باشلاندى. «ئېكولوگىيەلىك تيەنجىن ، يېشىل تەرەققىيات» بۇ قېتىمقى «تيەنجىن كۈنى» پائالىيىتىنىڭ باش تېما ئىدىيەسى. بۇ ئىدىيە تيەنجىندىمۇ چوڭ كۆلەمدە يېشىل ئىكولوگىيە توسىقىنى قۇرۇپ چىقىش، سۇلۇق يەرنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، گۈزەل ئىكولوگىيە كارتىسىنى سىزىپ چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنخۇا خەۋىرى، فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش