تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 16- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 16- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىدىكى نۇقتىلىق تەكلىپلەرگە ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى: «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارارىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىملىق يىغىننى ياخشى ئېچىش باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەش، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولى ۋە بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەخسۇس تېمىدا گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارە - ئەقىل كۆرسىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. تەكلىپ كومىتېتى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىش چارىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كېڭىشىش سۇپىسى»لىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەكلىپ بەرگۈچى، بېجىرگۈچى ئىككى تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە بېجىرگۈچى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن كېڭىشىپ بېجىرىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى