تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بېيشەن: چۆل - باياۋان، قاقاس تاغدىن 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

   خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بېيشەن ئورمان باغچىسى ئىلگىرى بىر چۆل - باياۋان، قاقاس تاغ بولۇپ، ناھىيە بازىرى رايونىنىڭ ئاساسلىق توپا - توزان مەنبەسى ئىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر بېيشەندە يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يۇرت - ماكانىنى ئاسرىدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ «گۆھەر زېمىن»ى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان «يېشىل بانكا»غا ئايلاندى.

  4- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىر دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى − خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بېيشەن ئورمان باغچىسىنى سەيلە قىلدى، قىزىل رەڭلىك تاش ئالما، ھال رەڭ گۈلجېنەستە، سېرىق رەڭلىك تۇخۇمەك گۈلى چىرايلىق ئېچىلىپ، بۇلۇت ئارىسىدىكى شەپەققە ئوخشايتتى؛ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك كېپىنەكبۇلاقتا، بىر نەچچە ئاق قۇ ئوينىشىپ يۈرەتتى... كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جاي بىر چۆل - باياۋان، قاقاس تاغ ئىدى.

   يېشىل توسۇق ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يۇرت - ماكاننى ئاسرىدى

  بېيشەن خېجىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە ئالتە كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ، يۇقىرى شامال ئېغىزىغا جايلاشقان، ئىلگىرى بۇ جايغا 14 قۇم - شېغىل زاۋۇتى توپلاشقانىدى. قالايمىقان قېزىش، كولاش تۈپەيلىدىن، بۇ جاي ھېچنەرسە ئۈنمەيدىغان چۆل - باياۋان، قاقاس تاغقا ئايلانغانىدى. بوران چىقسىلا، ناھىيە بازىرى توپا - توزانغا تولاتتى.

  «ئىلگىرى بېيشەن ناھىيە بازىرى رايونىدىكى ئاساسلىق توپا - توزان مەنبەسى ئىدى» دېدى خېجىڭ ناھىيەسى بېيشەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋچىڭ.

  2013- يىلى 9- ئايدا، خېجىڭ ناھىيەسى بېيشەندىكى بارلىق قۇم - شېغىل زاۋۇتىنى تاقاپ، بېيشەندە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ناھىيەدىكى پارتىيەلىك كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئون قېتىم چوڭ تىپتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە تەشكىللەندى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 193 مىڭ ئادەم قېتىم كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشقا قاتناشتى.

  كىشىلەر بېيشەنگە توغراق، جىگدە، تال تېرەك، جىغان، ئالقات، ياڭاق، دولانا قاتارلىق 30 نەچچە خىل، 5 مىليون تۈپ كۆچەت تىكتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايدا بىر يېشىل توسۇق بەرپا قىلىنىپ، قۇم - بوراننىڭ خېجىڭ ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇلماقتا.

  بېيشەن كۆكەردى، ناھىيە بازىرىدا توپا - توزان ئازايدى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  خېجىڭ ناھىيە بازىرىدىكى فۇمىن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى ئايۇپ يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مۇشۇ پەسىل دەل قۇم - بوران كۈچىيىدىغان چاغ ئىدى، ھازىر قاراپ بېقىڭ، شامال پەسەيدى، ھاۋا ساپلاشتى، تولىمۇ راھەت».

  قاقاس تاغنى كۆكەرتىش بىلەن بىللە، خېجىڭ ناھىيەسى ناھىيە بازىرى مەركىزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭنى كېڭەيتىپ، سۇ مەنزىرىسى بەلبېغى قۇرۇپ، بۇ كىچىك شەھەرگە ھۆسن قوشتى.

   كېپىنەكبۇلاق جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى

  بېيشەن ئورمان باغچىسىنى كېسىپ ئۆتكەندە، تەكشى كەتكەن ئاسفالت يول ئېگىز - پەس تاغنى بويلاپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال تۆت تەرەپكە تۇتىشىدۇ. يول بويىدىكى كېسان گۈلى ئەمدىلا يۇمران يېشىل بىخ چىقارغان، دەل - دەرەخلەر يېشىللىققا ئورىنىشقا باشلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جاي پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ «گۆھەر زېمىن»ى بولۇپ قالدى. ياڭ شياۋچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيشەن ئورمان باغچىسى كۆپ نۆۋەت دالا ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت دالا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

  بېيشەن ئورمان باغچىسىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىدە بىر قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى − دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بازىسى بار. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بازىسىدا كېڭەيتىپ تەربىيەلەش رايونى، ھەربىي ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمە رايونى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى رايونى بار، ھازىرغىچە، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن كەلگەن نەچچە يۈز تۈركۈم كوللېكتىپ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  بېيشەن ئورمان باغچىسىدا يەنە بىر كىچىك تىپتىكى ھايۋانات باغچىسى بار، ھازىر 30 خىلدىن ئارتۇق ھايۋانات بار بولۇپ، كىچىك دوستلار بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.

  كېپىنەكبۇلاق بېيشەن ئورمان باغچىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا. دەسلەپتە بېيشەن كۆكەرتىلگەندە، كىشىلەر بىر تەبىئىي بۇلاقنى بايقاپ، ئۇنى كېپىنەكنىڭ ئىككى قانىتىنى كېرىپ تۇرغىنىغا ئوخشىتىپ، ھازىرقى كېپىنەكبۇلاقنى ياسىغانىدى. بۇلاقنىڭ ئەتراپى يېشىل دەرەخ، گۈللەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، قىشتىمۇ مۇز تۇتمايدۇ، سۈزۈك بۇلاق سۈيىدە بېلىجانلار ئۈزۈپ يۈرىدۇ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە يەنە ئاق قۇلارنى جەلپ قىلىدۇ. قويۇق تەبىئىي تۈسكە ئىگە گۈزەل مەنزىرە بۇ يەرنى بېيشەن ئورمان باغچىسىدىكى جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندۇرغان.

  نۆۋەتتە، بېيشەن ئورمان باغچىسىدىكى سۇ مەنزىرە باغچىسى − خۇاڭشۇيياۋ. سۇ يۇرتى، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت دالا مەيدانى، ساھىل ۋالىبول مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىستىراھەت مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى، ئېكولوگىيەنى تاماشا قىلىش باغچىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، بۆلجۈرگەن بايرىمى، توقاچ شاپتۇل بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  2015- يىلى 12- ئايدا، بېيشەن ئورمان باغچىسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ تەستىقلىنىپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چوڭ ساياھەت ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ھالقىغا ئايلاندى.

  ياڭ شياۋچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، بېيشەن ئورمان باغچىسىغا كېلىپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ يىل بېيشەن ئورمان باغچىسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

   «يېشىل بانكا» دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

  بېيشەن ئورمان باغچىسى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى بازىسىدا، مۇخبىر خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرىدىكى 48 ياشلىق دېھقان قاسىم زەيدىننى ئۇچراتتى، ئۇ بۇ يەردىكى مەنزىرە نۇقتىسىنى باشقۇرۇش پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن.

  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، قاسىم بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئوڭ پۇتى سۇنۇپ، ئوڭ قولى ئېغىر يارىلىنىپ، ئائىلىسى بىردىنلا نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. خېجىڭ ناھىيەسى بېيشەن ئورمان باغچىسىنى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بازىسىنىڭ بىرى قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى بۇ يەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇلار مەنزىرە نۇقتىسىنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، ھايۋانلارنى بېقىش، كۆكتات تېرىش، سەيلە ئاپتوموبىلى ھەيدەش، يول ياساش، ئېكولوگىيە سالقىنداش لاپىسى ياساش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدى.

  2016- يىلىدىن باشلاپ، قاسىم ئەر - خوتۇن بېيشەن ئورمان باغچىسىغا كەلدى، قاسىم مەنزىرە نۇقتىسىنى باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل بولدى، خوتۇنى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدىغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ناھىيە بازىرىدىن «ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان» بىنا ئۆي سېتىۋالدى. ھازىرغىچە، بېيشەن ئورمان باغچىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 1000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى «يېشىل بانكا»غا ئايلاندى.

  بېيشەن ئورمان باغچىسى يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، بۇ جاي يەنە ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. 2018- يىلى خېجىڭ ناھىيەسىدە ساياھەت قىلغانلار 3 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بىردەك 2017- يىلىدىكىدىن %32 ئاشتى. ساياھەتچىلىك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە خېجىڭ ناھىيەسى ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى