تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۈكسەك يۈز ئابرويغا ئىگە «دېھقان ساقچى»__لى شۇگەن

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى، لى شۇگەن چارلاشقا چىقىشتىن بۇرۇن ساقچى جابدۇقلىرىنى رەتلىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «لاۋلى كەلدى، يۈزىنى قىلىڭلار!» سىگۇاڭ كۆلىدە، ئامما ئارىسىدا كىچىك زىددىيەت، كىچىك ماجىرا يۈز بەرگەندە، لى شۇگەن شۇ مەيداندا پەيدا بولسىلا،  گەپ قىلىشى ھاجەتسىز ئىدى، قوشنىلارنىڭ شۇ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن مەسلە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولاتتى. سىگۇاڭ كۆلى ئەسلىدە جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرى باۋيىڭ ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسى، ساقچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانغىنىغا 28 يىل بولغان لى شۇگەن خىزمەت ئورنىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلدى. لى شۇگەن مەھەللە ساقچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ «ئۇل تېشى» ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ ئۆزىگە مۇنداق بىر «قائىدە» تۇرغۇزغان ئىدى: سىگۇاڭ كۆلىدە يۈز بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ ئېغىر ياكى يېنىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر پۈتۈن كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىگۇاڭ كۆلىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇ كەنت بېشى، سودا بازار، ماگېزىن قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان جايلاردا ساقچى خەلق ئالاقىلىشىش نۇقتىسى، ئامانلىق ئۇچۇر نۇقتىسى قۇرۇپ، «شىياڭخۇڭ» چارلاش ئەترىتىنى سەپەرۋەرلىك قىلىپ تەشكىللىدى. 28 يىلدىن بۇيان، سىگۇاڭ كۆلى ساقچى ئىشلىرى رايونىدا زور قەبىھ دېلو يۈز بېرىپ باقمىدى، تەۋەلىكىدە جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى شەھەر بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولدى، بۇنى لى شۇگەننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. لى شۇگەن يەنە زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. خەلق ئاممىسى بىرەر مەسىلىگە يولۇقۇپ ئۇنى ئىزدەپ كەلسە ئۇ ئەزەلدىن رەت قىلمايتتى، ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمايتتى. ئۇ، كىچىك زىدىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلش چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىق دەپ قارايتتى، بۇ دەل مەھەللە ساقچىلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك «رەسمىي ئىشى» ئىدى. ئۇ ئاممىنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپلا قالماي يەنە ئاممىنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ: «زىدىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى خىلمۇ-خىل، ئەمما قائىدە پەقەت بىرلا: ۋىجداننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاندىن ئامما سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايدۇ » دەيتتى. دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن لى شۇگەن ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ قايتىپ كېلىپ خەلق ساقچىسى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى بولدى. لېكىن ئۇ ھېلىھەم يەر ئاغدۇرۇپ، تېرىقچىلىق قىلغاچقا، ئامما ئۇنى «دېھقان ساقچى» دەپ ئاتىشاتتى، لى شۇگەن ئامما ئارسىغا چوڭقۇر سىڭگەچكە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلەلەيتتى. 28 يىلدىن بۇيان، ئۇ نۇرغۇن «ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلار»نى قىلىپ كەلدى،  قەيەردە ئامما ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولسا ئۇ دەرھال شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، لى شۇگەننىڭ ئاممىغا ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن بېجىرىپ بەرگەن ئىشلىرى 900دىن ئېشىپ، 6000 دىن ئارتۇق كېنىشكىنى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بەردى، تىنچ-ئامانلىقنى ساقلايدىغان، زىددىيەتنى ھەل قىلالايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان لى شۇگەن سىگۇاڭ كۆلىدە ئاستا-ئاستا ئىناۋىتىنى تىكلەپ، يۈز-ئابروي تاپتى. 2014-يىل، ج خ مىنىستىرلىقى ئۇنى مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىدىكى 10 ئىلغار ۋەكىلنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. كىيىن ئۇ مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2-دەرىجىلىك قەھرىمان، نەمۇنىچى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  (شىنخۇا تورى مۇخبىرى لى يۈزې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى