تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

سۈن يىۋېن خەلقئارا قىلىچۋازلار بىرلەشمىسى ئېغىر قىلىچ مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ كالى بېكىتىدە ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بوگوتا، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا قىلىچۋازلار بىرلەشمىسى ئېغىر قىلىچ مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ كالى مۇسابىقە بېكىتىدە، جۇڭگو ماھىرى سۈن يىۋېن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 13:15 نەتىجە بىلەن ئىتالىيەلىك پىشقەدەم ماھىر مارا ناۋارىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېغىر قىلىچ مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار يەككە ئويناش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتلىق مۇسابىقىدە سۈن يىۋېننىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېقىندىن ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان جۇڭگو شياڭگاڭ ماھىرى جياڭ مىنخۈي بىلەن رۇمىنىيەنىڭ داڭلىق ماھىرى ئاننا مارىيا بۇرۇنزېننى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى، ئىتالىيە ماھىرى مارا ناۋارىيە ئالدىدا، سۈن يىۋېن باشتىن-ئاخىر رەقىبىنى بېسىپ، ئاخىرىدا 13:15 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.

  كالى بېكىتى مۇسابىقىسى يەنە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نومۇر جەملەش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى بېكىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، سۈن يىۋېندىن باشقا، جۇڭگو ئاياللار ئېغىر قىلىچ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لىن شېڭ، جۇ مىڭيې ۋە شۈ چېڭزىلارمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15-،23- ۋە 45-بولدى. ئەرلەر ئېغىر قىلىچ مۇسابىقىسى جەھەتتە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى دۇنيا بويىچە ئارانلا 138-ئورۇندىكى كىچىك ماھىر ۋاڭ زىجيې ئەرلەر يەككە تۈرىدە 8 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرىپ، ئاخىرىدا 15:12 نەتىجە بىلەن پولشانىڭ پېشقەدەم ماھىرى رادوسۋاف زافروتېنىياققا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى