تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

[تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر] جىمىسار ناھىيەسى «گۈل-گىياھ + ساياھەت» ئەندىزىسى توغرىسىدا ئىزدەندى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى: ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، گۈلچىلەر بېيىدى

  ناھىيەدىكى گۈل-گىياھ تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، تىجارەتچىلىرى بەس - بەستە ئۆزلىرىنىڭ پارنىكىدىكى ياكى گۈل دۇكىنىدىكى تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈل-گىياھلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ، مەنزىرە رايونىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. 

  «گۈل-گىياھ + ساياھەت» كەسىپلەر تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئىلگىرى نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان تېرىقچىلارغا گۈل-گىياھ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «پايدا»سىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىمىسار ناھىيەسى چۈەنزىجيې بازىرىدىكى گۈل-گىياھ تېرىقچىلىق پارنىكىدا، گۈل سېتىۋالغان بىرقانچە ساياھەتچى گۈللەر ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار مىڭ ۋېي، دىيار خالى): بۇ بىرقانچە كۈندە، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زىتېڭ گۈل دېڭىزى لەگلەك بايرىمى بۇ ناھىيەنىڭ مىڭئۆي مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ جايغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، جىمىسار ناھىيەسىدە گۈل-گىياھ تېرىقچىلىقى-تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 600دىن ئارتۇق ئىكەن. «گۈل-گىياھ + ساياھەت» كەسىپلىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئىلگىرى نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى زىرائەت تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان تېرىقچىلارغا گۈل-گىياھ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ «پايدا»سىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغان.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسىدىكى %40 ساياھەت پائالىيىتىنىڭ ھەممىسى گۈل-گىياھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتىياز پەسلىدىكى باھار ۋە گۈل سەيلىسى، ئەتىرگۈل بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ھەر يىللىق ئەڭ قىزىق ساياھەت باش تېمىسىغا ئايلىنىپ بولدى. «گۈل-گىياھ + ساياھەت» يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە قارىتا، جىمىسار ناھىيەسى بۇ يىل داۋاملىق «گۈل-گىياھ + ساياھەت» يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان پەسىلدىكى ئوخشاش بولمىغان گۈل-گىياھلارنىڭ چېچەك مەزگىلى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، گۈل-گىياھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ساياھەت تۈرلىرىنى ئاچتى.

  «پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتى گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ گۈللىنىشى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھۆسىن قوشتى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك ساياھەت تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى دۇڭبىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش