تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

خوتەن ۋىلايىتى: ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى جېڭجوۋدا تونۇشتۇرۇلدى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى داۋجۇڭ ) مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا قاشتېشى ماكانى ــــ يىپەك يولىدىكى داڭلىق شەھەر» ساياھەت تەشۋىقات-تونۇشتۇرۇش يىغىنى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن. خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، 52 ساياھەت سودىگىرى، 27 ئاخبارات ۋاسىتىسى بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان.
    تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشقان ساياھەت سودىگەرلىرى، تاراتقۇلارغا خوتەن ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرغان. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يىغىندا جېڭجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت ئىدارىسى، جياۋزو شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت ئىدارىسى ۋە خېنەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۆمۈر يول ساياھەت گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ ئورۇنلار ساياھەتچىلەرنى ئۆزئارا ئەۋەتىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى