تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

[بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ] 21 يىل مېۋە يېتىشتۈرۈش ئاخىرى خۇشپۇراق چاچتى

ئەتىگەن سائەت 7 لەردە باغقا بېرىپ، مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كۆزىتىپ خاتىرىلەشنى لۈ چاڭلياڭ كۈندە چوقۇم قىلىدۇ.

  مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، لۈ چاڭلياڭ باغقا كىرىپ شياڭفېي تاشئالمىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى، ئۇنىڭ ئايالى، ئاتا-ئانىسى، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى، ئاكا-يەڭگىلىرى چېدىر يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە، بىر ئائىلە كىشىلىرى چېدىردا تۇرۇپ 200 مو كېلىدىغان بۇ باغقا قارايدۇ.

  بورتالا ئوبلاستى بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىدە، 38 ياشقا كىرگەن لۈ چاڭلياڭ داڭقى چىققان مېۋىلىك دەرەخ تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بورتالادا 450 مو يەرگە مېۋىلىك دەرەخ تىكىپلا قالماي، يەنە خوتەندە باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ 1300 مو يەرگە مېۋىلىك دەرەخ تىكتى. بۇ مېۋىلىك دەرەخلەر ئاساسەن ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان يېتىشتۈرۈپ چىققان ئەلا سورت ھېسابلىنىدۇ.

  1998-يىلى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن لۈ چاڭلياڭ يۇرتى خېنەندىن بورتالاغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كېلىپ، 10 مو كېلىدىغان ئالما دەرىخى بىلەن ئۆزىنىڭ «ئىلمىي تەتقىقات» يولىنى باشلىغان، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى، شۇ جايدا ئۆسۈشكە ماس كېلىدىغان 10 نەچچە خىل ئالاھىدە مېۋە ئۇنىڭ پەرۋىشى نەتىجىسىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن زېھنىنى باغۋەنچىلىككە سەرپ قىلدى.

  8 يىل سەرپ قىلىپ بىر خىل ئالما سورتىنى يېتىشتۈردى

  باغدىكى بۇلتۇر تىككەن تاشئالما، ئالما قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلىرى شامالدا ئىرغاڭلايتتى. «مەن كېلەر يىلى بۇ باغنىڭ كۆلىمىنى 1000 موغا كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتىمەن.» لۈ چاڭلياڭنىڭ قارامتۇل، تۈرگۈن چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  21 يىل ئىلگىرى، لۈ چاڭلياڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تايىنىش ئۈچۈن ئوتبۇلاق كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، بۇ جايدا مېۋىلىك دەرەخ تىكىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقىدى. ئۇ يۇرتىدىكى چاغلاردىلا ئازدۇر-كۆپتۇر مېۋىلىك دەرەخ تىكىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخ تىكمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ مېۋىلىك دەرەخنى قىشتىن چىقىرالماسلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جايدا تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە شور ئىكەنلىكىنى بىلدى.

  «ئۇ چاغدا مەن مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ سىناپ بېقىشنى ئويلىدىم.» لۈ چاڭلياڭ قەرز ئېلىپ ئىچكىرىدىن ئالما كۆچىتىنى كىرگۈزدى، نەتىجىدە 10 مو يەرگە تىككەن ئالما كۆچەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى قىشتىن ئۆتۈپ ئۈششۈپ قېلىپ، ئۇ كۆپ زىيان تارتتى، ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا ۋاز كېچىشنى ئېيتتى، ئەمما لۈ چاڭلياڭ بۇنىڭغا تەن بولماي، مېۋىلىك دەرەخلەرنى قىشتىن چىقىرىش ۋە شورغا چىداملىق قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلاشتى. بىر قېتىم ئۇ يەرلىك كىشى بىلەن پاراڭلاشقاندا، شۇ جايدىكى بىر خىل ياۋا ئالمىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئالما شېخىنى ياۋا ئالما دەرىخىگە ئۇلاشنى ئويلىدى.

    ئىككىنچى يىلى، لۈ چاڭلياڭ مېۋىلىك باغدىكى ئالما دەرەخلىرىنى ئۇلاش ئىشلىرىنى قىلدى، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇپ كەتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدى. ئۈچىنچى يىلى، ئېشىپ قالغان مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بەردى، مېۋىلەرنىڭ تەمى ياخشى، رەڭگى قىزىل بولدى. «مەن بەك ھاياجانلاندىم.» دېدى ئۇ. لۈ چاڭلياڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەردىن تاللاپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ، كېيىنكى يىلى داۋاملىق مايسا يېتىشتۈردى.

  بۇ چاغدا، لۈ چاڭلياڭ نەچچە ئون مىڭ يۈەن قەرز بولغان ئىدى، لېكىن يېڭى نەتىجە ئۇنى تولۇپ تاشقان غەيرەتكە ئىگە قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇ سەككىز يىل سەرپ قىلىپ، بۇ خىل ئالمىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالما، ئۆرۈك، قارا ئۆرۈك قاتارلىق ئون نەچچە خىل يەرلىك سورتنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، لۈ چاڭلياڭ بۇ جايغا ماس كېلىدىغان قىشتىن چىقالايدىغان قىزىل ئالۇچا، مايمۇن شاپتۇلىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ.

  ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىمۇ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشتىن ۋاز كەچمىدى

  لۈ چاڭلياڭ مېۋىلىك دەرەخ يېتىشتۈرگەن دەسلەپكى 10 يىلدا ئاساسەن دېگۈدەك پايدا ئالالمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كېۋەز تېرىپ، گۈل-گىياھ سېتىپ، تاپقان پۇللىرىنى مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە سالدى. «ياخشى مېۋە يېتىشتۈرۈش مېنىڭ ئارزۇيۇم، مەن باشتىن-ئاخىر بۇنى كەسپىم دەپ قارىدىم.» دېدى ئۇ، ئۇنىڭ شۇنچە يىل چىڭ تۇرۇپ ۋاز كەچمەسلىكىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى كەسپكە بولغان ئىشتىياقى ئىدى.

  لۈ چاڭلياڭنىڭ خوتۇنى شيې چيۇشياڭ ئۇنىڭ مېۋىلىك دەرەخ يېتىشتۈرۈشىدىكى قابىل يادەمچىسى ھېسابلىنىدۇ. شيې چيۇشياڭ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى يىللاردا ئۆيدىكىلەر ئېرىمدىن كۆپ ئاغرىندى، ئەمما ئۇ ناھايىتى جاھىللىق قىلدى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ جاپاسىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى.

  ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، لۈي چاڭلياڭنىڭ 50 مو مېۋىلىك بېغى مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىپ، ئۇ ئاخىرى «ۋاقىتلىق تاقابىل تۇرۇش» تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى، ھەر يىللىق كىرىمى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان بولدى. تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ئۆي سېتىۋالمىغان ئىدى، ئۇ: «مەن تېخى ياش، ھازىر دەل ئىگىلىك تىكلەيدىغان ۋاقتىم» دەيتتى.

  يەنە شۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، خوتەندىكى باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى بورتالاغا كەلگەندە لۈ چاڭلياڭ يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىك دەرەخ سورتىغا كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى خوتەنگە بېرىپ مېۋىلىك دەرەخ تىكىشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر نەچچە دوستىنى تېپىپ مېۋىلىك دەرەخنى خوتەنگە تىكتى.

  نۆۋەتتە، لۈ چاڭلياڭ 10 يىللىق پىلان تۈزگەن بولۇپ، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، كۆچەتلىك بازىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. «خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىم.» دېدى ئۇ، «كۈرەش بولمىسا، ياشلىق بولمايدۇ»، ئارمانسىز ياشلىق ۋە بەختلىك تۇرمۇش كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى