تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2018-يىللىق مەملىكىتىمز بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلى مەملىكىتىمىز ياش -ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى %53.6كە يەتكەن بولۇپ، كېسەل بولۇش ۋەزىيىتى كەسكىن بولغان. بەزى ئاتا-ئانىلار يىراقنى كۆرەلمەستىن كېيىنكى داۋالاشقا ئۈمىد باغلىغان، يەنە كېلىپ ئاز بولمىغان سودىگەرلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ساقايتالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە مېدىتسىنادا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ساقايتىدىغان ئامالنىڭ تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ساقايتقىلى بولىدۇ، دېگەندەك تەشۋىقاتلارغا ۋە سودا تىجارەتلىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھازىر ساقلىنىۋاتقان ساختىلىق، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تەشۋىقات قاتارلىق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومېتېتى قاتارلىق ئالتە تارماق ھۆججەت تارقىتىپ، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىنى تۈزەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەردىن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈزەش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغاندا «ساقايتىمىز»، «ئەسلىگە كەلتۈرىمىز»، «گىرادۇسنى تۆۋەنلىتىمىز»، «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالايمىز»، «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ كۈشەندىسى» قاتارلىق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئازدۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇنداقتا، لازىر نۇرى ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى مەركىزى ئەمالىقتىن ساقلىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ ئەيليەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىراقنى كۆرەلمەسلىك بولسا كۆز قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لازىر نۇر ئوپېراتسىيەسى پەقەتلا مۈڭگۈز پەردىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، نۇرنى كۆرۈش پەردىسىگە فوكۇسلاش ئارقىلىق بىمارنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ. بۇ پەقەتلا بىر خىل تۈزەش ۋاسىتىسى، ئەمما، يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان كۆزنىڭ ئوقى سوزۇلۇپ كېتىشتەك ئاناتومىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. لازىر نۇر ئوپېراتسىيەسىنىمۇ ھەممىلا بىمارنىڭ قىلىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇۋاپىق تۈزەش ئېلىپ بېرىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭدىن سىرت، بالىلىق ۋە ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلدە ھەر كۈنى ئىككى سائەت، ھەپتىدە ئون سائەت دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، كۆزنى ئۇرۇن مەزگىل يېقىن ئارىلىققا ئىشلىتىشنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كومپىيوتېر ۋە تېلېفوننى ئاز ئويناش، ئۇيقۇنىڭ ۋاقتىغا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى