تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

[شىنجاڭ ياخشى جاي] جېمىنەي يايلىقى شىچىڭ گېئولوگىيە باغچىسى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدى

    مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىر شيا رېنشەن خەۋىرى، فوتوسى. مۇخبىرنىڭ جېمىنەي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، جېمىنەي يايلىقى شىچىڭ گېئولوگىيە باغچىسى ئېچىلىپ، «1-ماي» بايرام مەزگىلىدە جەمئىي 5000 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچى كۈتىۋالغان.
    جېمىنەي يايلىقى شىچىڭ گېئولوگىيە باغچىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي ناھىيەسى توست يېزىسى تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، جېمىنەي ناھىيە بازىرىغا 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ مەنزىرە رايونى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە داڭلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان، ساياھەت قىلىش، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش، ئالاھىدە ساياھەت، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئاساسىي فۇنكىسىيە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىدۇر.

    مەنزىرە رايون ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا شىنجاڭدىكى تۇنجى كونا تاش قۇراللار دەۋرىدىكى ئۆڭكۈر خارابىسى ـــ تۇڭتيەندۇڭ ئۆڭكۈرى خارابىسى بولۇپ، بۇ خارابە ئېلىمىزنىڭ شۇ دەۋرىدىكى خارابىلىرى ئىچىدە ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تىپىك كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى موست مەدەنىيىتى كەمچىل بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرغان.
    خاربىنلىق ساياھەتچى ليۇ شېلى مۇنداق دېدى: «بۇ جايدىكى تۇڭتيەندۇڭ ئۆڭكۈرىدە 40 مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئالامەتلىرى بار ئىدى، بۇ مېنىڭ ئېكسپېدىتسىيەگە بولغان قىزىقىشىمنى قوزغىدى، ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا تارىخنىڭ چوڭقۇر تۇيغۇلىرى مەندە پەيدا بولدى، بۇ ئادەمنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ.»
    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ساياھەت ئاپتوموبىلى يېڭىدىن تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، ۋېلسىپىت، ئات كارۋىنى، تۆگە كارۋىنى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى ئىجارىگە ئالغىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى