تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

چۈجە ھەقسىز تارقىتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى ئېچىلدى

   «مەن ئەسلىدە مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ چۈجە سېتىۋالماقچى ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئەتىگەندىلا خىزمەت ئەترىتىنىڭ كانايدا بىزگە ھەقسىز چۈجە تارقىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلاپ، بەك خۇش بولدۇم!» دېدى چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرى سارىبۇلاق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ليۇ فۇسەي ھاياجانلانغان ھالدا.

   4-ئاينىڭ 30-كۈنى، جىيەك بازىرى شياڭياڭخۇا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سارىبۇلاق كەنتىدىكى 20 نامرات ئائىلىگە 1000 دانە چۈجە، 200 كىلوگىرام يەمنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ۋە يەرلىك توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى نەق مەيداندا ئۆگەتتى.

كەنت ئاھالىسى ھەقسىز تارقىتىلغان چۈجىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

   نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى چۈجە بىلەن يەمنى ئېلىپ، يەرلىك توخۇ بېقىش دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. تەربىيەلەش دەرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىياڭياڭخۇا ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات ئائىلىلەر بىلەن يەرلىك توخۇلارنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى ھەمدە چۈجە 2.5 كىلوگرامغا يەتكەندە شياڭياڭخۇا ھەمكارلىق كوپىراتىپى دانىسىنى 80 يۈەندىن نامرات ئائىلىدىن قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى.

   «شياڭياڭخۇا ھەمكارلىق كوپپىراتىپى بىزگە ھەقسىز چۈجە، يەم تارقىتىپ بەردى، يەنە بىزنى ھەقسىز تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى. مەن چوقۇم چۈجىلەرنى ياخشى بېقىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولىمەن.» نامرات ئاھالە ۋاڭ جۈەن چۈجىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

   چاغانتوقاي ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى دۇ شۆشۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز شياڭياڭخۇا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى نامرات ئائىلىلەرگە ھەقسىز چۈجە، يەم تارقىتىپ بېرىش ۋە تېخنىكا ئۆگىتىشكە ماسلاشتۇرۇپ سەپەرۋەر قىلىشىمىز «قان ئىشلەش» شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بولۇپ، مەقسىتىمىز نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە بېيىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىش ئۈچۈندۇر. (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن دۇ شۆشۇاڭ، ياڭ تىڭ، ما جىڭ)

«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى