تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يان تېلېفوننى ئۈستەلگە قويغاندا، ئېكرانىنى يۇقىرىغا قارىتىش كېرەكمۇ ياكى تۆۋەنگە قارىتىش كېرەكمۇ؟

  يان تېلېفون ئېكرانىنى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنگە قارىتىپ قويۇش كېرەك؟

  1. ئېكرانغا چاڭ-توزان قونۇش، سۇيۇقلۇق تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن

  يان تېلېفون ئېكرانىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويغاندا ئاسانلا چاڭ-توزان قونۇپ، تازىلىغاندا، پۈۋلەپ ئۇچۇرۋېتەلمىگەن چاڭ-توزانلارنى قولدا تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ يان تېلېفون ئېكرانى ياكى قوغداش پەردىسىنىڭ سىزىلىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفون ئېكرانىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويغاندا، سۇيۇقلۇقلار ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېكرانغا تۆكۈلۈپ كەتسە، ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. بولۇپمۇ مايلىق شورپىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ.

  2. كۆپۈپ چىققان كامېرانىڭ قالايمىقان سىزىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  يان تېلېفون ئېكرانىنى تۆۋەنگە قارىتىپ قويغاندا، يان تېلېفون كامېراسى ئۈستەلگە بىۋاسىتە تەگمىگەچكە، ئۇنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ.

  3. شەخسنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ

  يان تېلېفوننىڭ ئېكرانىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويغاندا، كەلگەن تېلېفون ياكى ئۇچۇرنى باشقىلار ئاسانلا كۆرۈپ قېلىپ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئۇچۇردىن باشقا، ئەگەر جىفۇباۋ، بانكا APPلىرى ئوچۇق بولسا، يان تېلېفوننىڭ ئېكرانى يۇقىرىغا قارىتىلىپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئاشكارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  4. خاتا مەشغۇلاتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

  مەسىلەن، يان تېلېفونغا قولىمىز تېگىپ كېتىپ باشقىلارغا تېلېفون ئۇرۇلۇپ كېتىش، كامېرانى ئاچمىساقمۇ كامېرا چىرىغى ئۇزاق ۋاقىت يېنىپ قېلىش قاتارلىقلار.

  5. دىققەتنى يىغقىلى بولىدۇ

  ئەلۋەتتە، يان تېلېفوننى ئىشلەتمىگەندە، ئېكراننى تۆۋەنگە قارىتىپ قويۇشنىڭ يەنە نۇرغۇن رولى بار.

  مەسىلەن، يان تېلېفون ئېكرانىدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلغانلىق ئەسكەرتمىسىنى كۆرمىگەندە، دىققەتنى تېخىمۇ يىغىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ.

  يان تېلېفوننى يانچۇققا سالغاندا قانداق قويۇش كېرەك؟

  يان تېلېفون كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە، نەگىلا بارساق ئۇنى ئېلىۋالساق ئاندىن خاتىرجەم بولىمىز. ئۇنداقتا يان تېلېفوننى يانچۇققا سالغاندا، زەرەتلەش ئېغىزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويۇش كېرەكمۇ ياكى تۆۋەنگە قارىتىپ قويۇش كېرەكمۇ؟

  1. زەرەتلەش ئېغىزىنى يۇقىرىغا قارىتىپ قويۇش كېرەك

  يانچۇقتىكى چاڭ-توزان، پاختا تالالىرى، مېتال ئۇۋاقلىرىنىڭ زەرەتلەش ئېغىزىگە كىرىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدىغان زەرەتلىگەندە تېگىشىش ياخشى بولماسلىق، قىسقا تۇتىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  2. يان تېلېفون ئېكرانىنى پۇتقا چاپلاپ قويۇش كېرەك

  چۈنكى پۇتقا چاپلىشىپ تۇرغاندا، ئېكراننىڭ سىرتتىكى مېتال پارچىلىرى، ئۈستەل بۇرجەكلىرىگە تېگىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفوننىڭ ئېكرانىنى پۇتقا چاپلاپ قويغاندا، باتارېيەنىڭ قىزىپ كېتىپ پۇتنى كۆيدۈرۈپ قويۇشتەك يوشۇرۇن خەۋپىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى