تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسسىق قېنى كوئېنلۇنغا تۆكۈلگەن، تيەنجىنلىك ئوغلان ھاياتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى ئادا قىلدى

  تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر شى شىمىڭ (تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كېرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن)

  ئۇنىڭ ئىسمى شى شىمىڭ، شىنجاڭنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە تيەنجىندىن نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، شىنجاڭغا كەلگىنىگە 581 كۈن بولدى، ئۇ بۇ جەرياندا  79 خىل تۈرنى ئېلىپ كىرىپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قوشماقلىشىپ تۇققانلىشىپ كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، لېكىن ئۆزى جاپالىق كۈرەش قىلىپ ئىش ئورنىدا يىقىلىپ قالدى.

  باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جاپادىن باش تارتماي نامراتلارنى يۆلەش

  2017-يىلىنىڭ ئاخىرى، شى شىمىڭ يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى، قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى كېرىيە ناھىيەسىگە كېلىپ، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى. بىريىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، پىلان تۈزۈپ، تۈر ئىزدەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق سودىگەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، 79 خىل تۈرنى ئېلىپ كىرىپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئۇ جان كۆيدۈرۈپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلىدى. كارخانىنىڭ كېرىيەگە كىرىشىدىن باشلاپ، ئورۇن تاللاش، ئىشچى قوبۇل قىلىپ تەربىيىلەشكىچە ئىزچىل ھەمراھ بولدى، ئۇنىڭ باشتىن-ئاياغ مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ خىل سەمىمىيلىكى كارخانىنىڭ بۇ يەردە ئەمەلىيلىشىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.» تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى تاۋ جې شى شىمىڭغا يۇقىرىقىدەك باھا بەردى.

  شى شىمىڭنىڭ  ھايات چېغىدا تۇرغان ئۆيى ( ۋاڭ تيەنخاۋ فوتوسى)

  شى شىمىڭنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن سىچۈەنلىك خوجايىن جۇڭ گوجىن 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «يېڭى ئۈمىد» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. «مەن ئىشچى قوبۇل قىلىش ماركىسى ياساپ، ئۈچ كۈندە 8 ئادەم قوبۇل قىلدىم، ئاخىرىدا شى ئىدارە باشلىقىغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ ماڭا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ دېدى. ئىككى كۈندىن كېيىن 300 دىن كۆپرەك كىشى كېلىپ، مېنى ھەيران قالدۇردى.»

  باشقىلارغا بولغان چوڭقۇر  مۇھەببىتى بىلەن ، ئىسسىق قېنىنى كوئېنلۇنغا تۆكۈش

  شى شىمىڭ دائىم كەنتكە كىرىپ زىيارەت قىلاتتى. ئۇ نامرات ئائىلە تۇنساخان بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پات-پات گۈرۈچ، ماي يەتكۈزۈپ بەردى، كېيىن يەنە تۇنساخاننىڭ قىزى، كۈيئوغلى ۋە ئوغلىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئەر-خوتون ئىككەيلەننىڭ كالا، ئېشەك، كەپتەر بېقىشىغا ياردەم قىلدى. ھازىر تۇنساخاننىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. « ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە نۇرغۇن نەرسە ئېلىپ كېلەتتى، ئۇنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، مەن ئۇنىڭدىن ئىزچىل مىننەتدار.»

  شى شىمىڭ بىلەن نامرات ئائىلە تۇنساخان قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى (تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كېرىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن)

  نامرات ئائىلە مايۇنخان ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق كېسىلى بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئىدى. شى شىمىڭ دوختۇرخانا بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ھەمدە ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قوزغاپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى، ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان قىزىغا «كىچىك ئانار» دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ مېي «كىچىك ئانار» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۆزگىچە مەنىسى بار دەپ قاراپ، « ئۇ مەنچە كىچىك ئانار دەپ چاقىرايلى،دېدى. چۈنكى بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك ئىتتىپاقلىشىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى