لۇ خاۋ ياتىقىدا خىزمەت قىلماقتا (4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
2018-يىلى 7-ئايدا، بېيجىڭ داشۆسى يەر شارى ۋە بوشلۇق ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ تەبىئىي پەنلەر دوكتورى لۇ خاۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانى ئارقىلىق، شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئەنشىن ناھىيەسى سەنتەي بازىرى شىنجۇاڭكې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجى ياردەمچىسى بولدى.
لۇ خاۋ خىزمەت قىلىۋاتقان سەنتەي بازىرى شىمالدىكى ئاياغ ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم بازا بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1700دىن ئارتۇق ئاياغ كارخانىسى، 110 مىڭ كەسىپكار بار ئىدى. مۇھىت ئاسراش تەلىپى ۋە يېڭى رايون قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى ئالدىدا، بۇ ئاياغچىلىق كارخانىلىرى جىددىي تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.
لۇ خاۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پۈتۈن بازاردىكى 12 كەنتكە چېتىلىدىغان ھەربىر كارخانىغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن كارخانىلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا شيۇڭئەن يېڭى رايونى يىرىك پىلانى ئىدىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
لۇ خاۋ يەنە ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن گېئولوگىيە بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بەيياڭديەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، سۇ رايى، گېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىر، ئۇ بەيياڭديەن توغرىسىدا بىر پارچە كەسپىي ئەسەر تۈزۈۋاتىدۇ.
سەنتەيدە، لۇ خاۋ ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ زۆرۈر دەرسلىكنى تولۇقلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا بىر يىلغا يېقىن ئاساسىي قاتلامدا چېنىقىش، ئۇنىڭغا ئىلگىرى دەرسلىك كىتابلاردا ئۆگىنەلمىگەن بىلىملەرنى ئۆگەتكەن، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ قارارىدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغان.
لۇ خاۋ ياتىقىدىن چىقىپ، شىنجۇاڭكې كەنتىگە يىغىن ئېچىشقا ماڭماقتا (4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
لۇ خاۋ (ئوڭدا) نامرات ئاھالە ۋاڭ شياۋپىننىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە (4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
لۇ خاۋ (سولدا) بەيياڭديەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا (4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
لۇ خاۋ (ئوڭدىن 1-كىشى) شىنجۇاڭكې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى يىغىنىدا سۆز قىلماقتا (4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
لۇ خاۋ (ئوتتۇرىدىن سولدا) سەنتەي بازىرىدىكى بىر ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا (5-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).