ئاقسۇ نۆل ئارىلىق سۇپىسى خەۋىرى: بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەش جەريانىدا، خېنەنلىك دېھقان ئىشلەمچى چېن ياۋپىڭ شىنجاڭلىق دېھقان تۇرسۇن توختى بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ياۋپىڭ قىزغىنلىق بىلەن تۇرسۇنغا ياردەم قىلىپ، توشقان بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەننىڭ توشقان بېقىشتىن ئورنىتىلغان قېرىنداشلىق نامى يىراق-يېقىنلارغا تارقىلىدۇ.
توشقان بېقىشتىن قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتقان ئاكا-ئۇكا چېن ياۋپىڭ بىلەن تۇرسۇن توختى (مەركىزىي رادىيو تورى پىراكتىكا مۇخبىرى ۋاڭ تيەنخاۋ فوتوسى)
تۇرسۇن شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئىككى قېتىم قاتناش ھادىسىسىغا ئۇچراش ۋە ئايالىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇش سەۋەبىدىن ئائىلىسى قىيىنچىلىقتا قالىدۇ. «مېنىڭ پۇتۇم كاردىن چىققاچقا، جىسمانىي ئەمگەكلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن چېن ئاكام ياردەملىشىپ، دورا چېچىشىپ، پاختا تېرىشىپ، تراكتورغا قاچىلىشىپ بېرىدۇ.»
تۇرسۇن چېن ياۋپىڭنى تىلغا ئېلىپ : ئالتە يىل بۇرۇن يۇرتى خېنەندىن ئاقسۇ ئارا لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ، قۇرۇلۇش ئورنىغا قارايتتى. ئىككىمىزنىڭ ئاكا-ئۇكا بولۇشىنى تەقدىر دەپ ئويلىدىم،دېدى. بىر قېتىم، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغاندا، تۇرسۇن ئاقساپ مېڭىپ بېرىپ ياردەملىشىپ ئوڭشاپ بەردى. ئىشتىن كېيىن، پۇل بەرسىمۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى، چېن ياۋپىڭ تۇرسۇن بىر ئائىلىلىكنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كېسەك ئۆيدە تۇرىدىغانلىقى، كاڭدا يېتىپ-قوپۇۋاتقانلىقى، باللىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ يىرتىلىپ، ئايىغىنىڭ يىرتىلىپ پۇتلىرىنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى.
چېن ياۋپىڭ دەسلەپتە تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرگەن مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن نامراتلىقنى كۆرگەن، لېكىن بۇنداق نامراتلىقنى كۆرمىگەن. ئۇنىڭغا 100 يۈەن بەرسەم ئالمىدى، مەن بۇ ياخشى، ئەستايىدىل،دۇرۇس ئادەمكەن، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭغا بىز دوست بولايلى، ئەگەر ئۆيىڭىزگە نېمە كېرەك بولسا ماڭا ئېيتىڭ،دېدىم.»
2015-يىلى چاغان ئەمدىلا ئۆتۈشى بىلەن، توشقان بېقىپ باققان چېن ياۋپىڭ شەندۇڭدىن بەش دانە يېڭى زېلاندىيە توشقىنى سېتىۋېلىپ، يىراق يول بېسىپ ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرسۇننى توشقان بېقىشقا رىغبەتلەندۈردى. لېكىن تەجرىبىسى بولمىغان تۇرسۇن ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدى. ئىككى ئايدا كېسەل بىلەن بىر نەسلىلىك توشقان، ئۈچ بۆجەن ئۆلۈپ قالدى.
ئىچى ئاغرىغان چېن ياۋپىڭ قولمۇ قول بېقىش قارارىغا كېلىدۇ . «مەن بىر قاراپلا ئەپسۇسلاندىم، ئۇ بېقىپ باقمىغان ھەم چۈشەنمەيدۇ. مەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ گۆش توشقىنى بېقىشىپ بېرەي، دەپ ئويلىدىم.»
شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ياۋپىڭ بىلەن تۇرسۇن ئىككەيلەننىڭ توشقان بېقىپ ئورنىتىلغان قېرىنداشلىق مېھرى ئاساسىدا، بىر يىلدىن كېيىن، توشقاننىڭ سانى 500 دىن ئارتۇققا كۆپەيدى. توشقانلارنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن چېن ياۋپىڭ چاغاندىمۇ يۇرتى خېنەنگە قايتمىدى. 2016-يىلى 3-ئايدا، بىرىنچى تۈركۈمدىكى توشقانلار بازارغا سېلىنىپ، يوغان نەسلىلىك توشقانلار 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇققا سېتىلدى.
چېن ياۋپىڭ بىلەن تۇرسۇن توختى ئەر-ئايال توشقانلارغا يەم بەرمەكتە. (ئاقسۇ كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرى ساۋ دۈنبىن فوتوسى)
تۇرسۇننىڭ ئۇزۇندىن بېرى تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى. «ئىلگىرى ئائىلىمىز نامرات، باللىرىمنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ ئاز، چوڭ ئوغلۇمدىن قالغان كىيىملەرنى كىچىك ئوغلۇم كىيەتتى. ھازىر پۇلۇم بار بولدى، ئۈچ بالامنىڭ يېڭى كىيىم-كېچەكلىرى بار بولدى.»
توشقان باققان تۆت يىلدىن بۇيان، چېن ياۋپىڭ ئۇدا ئۈچ چاغاننى ئارا لەڭگەر كەنتىدە ئۆتكۈزدى. ئەمدىلىكتە، تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى توشقان 3200 گە كۆپەيدى، توشقان كاتىكى 600 كىۋادىرات مېتىرغا كېڭەيدى، بۇلتۇر 270 مىڭ يۈەن پايدا بولدى. تۇرسۇن يەنە 180 مىڭ يۈەن قەرزىنى قايتۇرۇپ، ئۆيىنى يېڭىلاپ سېلىپ، توشقان كاتەكلىرىنى كېڭەيتىۋالدى ھەمدە ھويلىسىغا گۈل-گىياھ تېرىدى.
تۇمشۇق شەھىرىدىن كەلگەن بىڭتۈەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مەخسۇس ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ نەسىللىك توشقان سېتىۋالماقتا. (ئاقسۇ كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرى ساۋ دۈنبىن فوتوسى)
1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، بۇ توشقان بېقىشتىن قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتقان ئىككى ئاكا-ئۇكا يەنە توشقان بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى پىلانلاپ، قوشنا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى نەسلىلىك توشقان ۋە بېقىش تېخنىكىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. چېن ياۋپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بۇ نامرات دېھقانلارنىمۇ كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇل تېپىشىغا يول ئاچىمىز.»