ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى، خەۋىرى. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 11:40 مىنۇت ئۆتكەندە، لىق يولۇچى ئولتۇرغان شەندۇڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ B737 - 800 تىپلىق ئايروپىلانى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى كىروران ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا سىلىق قوندى، بۇ، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن باشقا جايغا قاتنايدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنىڭ تېخىمۇ قولايلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۇنجى ئۇچقان ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ھەسەنجان، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم جوۋ ۋېنخۇي قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئايروپىلان خادىملىرىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بۇ قېتىم چاقىلىق ئايروپورتىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈرۈمچى-چاقىلىق-جېڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى، چاقىلىق كىروران ئايروپورتى، جېڭجوۋ شىنجېڭ ئايروپورتىنى زىچ تۇتاشتۇردى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە شەندۇڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ B737 - 800 تىپلىق ئايروپىلانى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى SC2281/82 بولۇپ، 168 ئورۇن بار. بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك بۆلمە ئورنىدىن 8 ى، ئەرزان باھالىق ئالىي بۆلمە ئورنىدىن 30 ى، ئەرزان باھالىق بۆلمە ئورنىدىن 130 ى بار، ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر قېتىم بېرىپ كېلىدۇ.
چياۋ گاۋيۇڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن سودىگەر بولۇپ، دوستلىرى بىلەن بىللە چاقىلىقتا بىر مېھمانخانا ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۇزاق مەزگىل ئىككى ئارىلىقتا بېرىپ-كېلىپ قاتنايدىغان بولغاچقا، لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى چياۋ ئەپەندىگە ئىنتايىن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
«بۈگۈن بىۋاسىتە ئۇچقان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئىلگىرى چاقىلىققا كەلسەم ئالدى بىلەن جېڭجوۋدىن كورلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئاندىن كورلىدىن چاقىلىققا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ياكى قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇراتتىم، بىر كۈندىن كۆپرەك دېگۈدەك ۋاقىت سەرپ قىلاتتىم، ھازىر بۇ ئايروپىلان بار بولغاندىن كېيىن، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بولدى، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا كېلىمەن» دېدى چياۋ گاۋيۇڭ.
بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ زىچلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش پىلانلاندى. نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 10:25 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:40 مىنۇت ئۆتكەندە چاقىلىق كىروران ئايرودرۇمىغا قونۇپ 45 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 12:25 مىنۇت ئۆتكەندە چاقىلىق كىروران ئايرودرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:45 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجېڭ ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16:55 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجېڭ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 20:45 مىنۇت ئۆتكەندى چاقىلىق كىروران ئايرودرۇمىغا قونۇپ 55 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، سائەت 21:40 مىنۇت ئۆتكەندە چاقىلىق كىروران ئايرودرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.