تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۇەيشەن پائالىيىتى: «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باھار كۈيىنى ياڭراتتى

ياربېشى كەنتى 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا، ئىختىيارى مۇخبىر ياڭ لېي، چى يى): 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ياربېشى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىسى بىلەن 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ياربېشى كەنتىدە مەيىن شامال چىقىپ، قۇياش ئىللىق نۇرىنى چاچتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھويلىسى ئاسمىنىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. كۆك ئاسمان ئاستىدا، ئۇچىسىغا يېڭى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىق  ئوقۇغۇچىسى مەريەم سۇلتان ۋە ئۇنىڭ كىچىك ھەمراھلىرى دۆلەت بايرىقىغا تەلپۈنۈپ تۇرۇپ «بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدىمەكتە» ناملىق ناخشىنى ياڭراق ئاۋازدا ئېيتتى.

  ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كەنت كارخانىلىرى ئىشچىلىرى، نان يېقىۋاتقان يىگىت، دېھقانلار ھويلىسىدا كۆكتاتلارنى سۇغىرىۋاتقان موماي... مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا قوللىرىدىكى ئىشىنى قويۇپ، كەينى-كەينىدىن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قاراپ ماڭدى.

  «4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇەيشەن ئۇسۇلىدا ۋەتەننى، گۈزەل تۇرمۇشنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.» دېدى ياربېشى كەنتىدە پىراكتىكا قىلىۋاتقان شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خەيرۇللا رەخمىتۇللا.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ياربېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى جاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كۇەيشەن پائالىيىتىگە 100 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى قاتناشتى، ياربېشى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتى بىلەن دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى