تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چارۋىچىلىق-باقمىچىلىقتا قول تۇتۇشۇپ ياردەملەشسە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى: «ياردىمىڭلارغا كۆپ رەھمەت، بىزنىڭ ئۆيدىكى 500 ئۆي توشقىنى قولدىن چىقايلا دەپ قالدى.» 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خارمودۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋېن شىفاڭ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى سوڭ جۈنيىڭغا شۇنداق دېدى.

    ۋېن شىفاڭنىڭ ئايالىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئائىلە تۇرمۇشى غورىگىل ئىدى. «بۇلتۇر، خىزمەت ئەترىتى مېنى ئۆي توشقىنى بېقىش جەھەتتە تەربىيەلىدى، ھازىر مەن ھەر كۈنى پەقەت توشقانلارغا ۋاقتىدا بېدە سېلىپ بېرىپ، كاتەكنى تازىلىساملا بولىدۇ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەن باققان توشقانلار قولدىن چىقىدۇ، ئۆيدىن سىرتقا چىقمايلا پۇل تاپالايمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكى يولداشلارغا ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى ۋېن شىفاڭ.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى (ئوتتۇرىدا) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۆجەنلەرنى كۆرمەكتە.

  2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋېن شىفاڭغا ئۆي توشقىنى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ بېرىپ، ۋېن شىفاڭغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ كەينىگە 100 كىۋادرات مېتىرلىق توشقان كاتىكى ۋە 50 كىۋادرات مېتىرلىق توخۇ كاتىكى سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بېدە تېرىدى. توشقان كاتىكى پۈتكەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى يەنە مەخسۇس ئادەم تېپىپ ۋېن شىفاڭنى ئۆي توشقىنى بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۆي توشقىنىغا يەمنى قانداق بېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە  ۋېن شىفاڭ بىر ئۆي توشقىنى بېقىش ماھىرى بولۇپ قالدى، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىپ ئۆي توشقىنى بېقىشنى ئۆگەندى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ كاتەكتە بېقىلىۋاتقان ئۆي توشقىنى 500 ئۆپچۆرىسىگە كۆپەيدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا ئۆي توشقانلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ بەردى.

  ۋېن شىفاڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىر ئۆي توشقىنىنى 2 كىلوگىرام بويىچە قولدىن چىقىرىمىز دېسەك، مۆلچەر بويىچە ھەربىر توشقاننى 40 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بىر يىلدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم قولدىن چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ يىل مەن 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئاشۇرالايمەن.»

  «توشقان باقمىچىلىقى خەۋپ-خەتىرى كىچىك، ئۇسۇلى ئاددىي، ئۆگىنىش ئاسان بولغان، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان كەسىپ بولۇپ، ئۆيدىلا باي بولغىلى بولىدۇ.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى سۇڭ جۈنيىڭ. (يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن سۈن مىڭدى تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى