تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ

5- ئاينىڭ 3- كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا تاماشا قىلماقتا.

(يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرىدىن باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىگە ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى ھۆكۈمەت باھا بېكىتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بارلىق 4A ،5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى، شۇنداقلا 2018- يىلى بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ ۋە يېڭىدىن باھا بېكىتىپ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈلگەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى، ئارىلىق ئاپتوموبىل بېلىتىنىڭ باھا تەننەرخىنى نازارەت قىلىپ قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش، باھانى باھالاش، تەڭشەش خىزمىتىنى پىرىنسىپ جەھەتتە تاماملاپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ باھا باشقۇرۇشنى ياخشىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى تەننەرخنى نازارەت قىلىپ قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش ۋە باھانى باھالاش ئاساسىدا، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىر قەدەر قىممەت بېلەت باھاسىنى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈمى پىشىپ يېتىلسە، بىر تۈركۈمنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئاساسلىقى تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان ساياھەت ئېكسكۇرسىيە نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. 2018- يىلىدىن بۇيان باھاسىنى تۆۋەنلەتمەسلىك ياكى باھانى تۆۋەنلەتسىمۇ نەقلەشتۈرمەسلىك، شۇنداقلا باھانى يۇقىرى بېكىتىپ چوڭ ئېتىبار بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغان مەنزىرە رايونلىرىغا قارىتا، باھانى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، مونوپول خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئارىلىق ئاپتوموبىل، ئاسما ۋاگون، ساياھەت پاراخوتى، ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. سۈپەت بىلەن باھا ئۆزئارا ماس كېلىشپىرىنسىپى بويىچە، مەنزىرە رايونلارنىڭ سۈپەت دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پەرق باھا، سېلىشتۇرما باھا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، روشەن نامۇۋاپىق باھانى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بىللە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىغا قارىتا بىرلەشمە مەخسۇس تۈزەش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىكى قالايمىقان ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنى تۈزىشى، مەنزىرە رايونلىرىدىكى خالىغانچە ھەق ئېلىش ئۆتكىلى تەسىس قىلىش، نامۇۋاپىق ھالدا «باغچە ئىچىدىكى باغچە» تەسىس قىلىپ ھەق ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي بىكار قىلىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتىدە بىر بېلەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش، قېلىپلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى ۋە ئارىلىق ئاپتوموبىل، ئاسما ۋاگون قاتارلىق يانداش مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش تىزىملىكى ۋە باھا ئۆلچىمىنى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىش كېرەك. ئېلان قىلىنغان باھادىن باشقا، مەنزىرە رايونلىرى يەنە باشقا ھەق ئالسا بولمايدۇ، ساياھەتچىلەرنى بىلىپ ئىستېمال قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى باھا سىياسىتىنى بېكىتىپ ئېلان قىلغاندا، ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىلەن پىكىرلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ۋە يانداش مۇلازىمەت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ چىقىمىنى يېنىكلىتىش، ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپ ئەھمىيىتىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى