تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭ كېچىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

جاڭ بېي

  «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەچلىك بازارلار ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. كەچلىك بازارلارغا ھەريەر - ھەريەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مەززىلىك تائاملار جەم بولدى، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ ئاشتى. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كېچە ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان شىنجاڭنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا بىزنى شىنجاڭنىڭ كەچلىك ئىقتىسادىدا نى - نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى.

  كەچلىك بازار كەچلىك ئىقتىسادنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھايىتى زور دەرىجىدە شەھەر تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ بىر كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن شەھەردە نامى يىراقلارغا تارقالغان كەچلىك بازار بار بولۇپ، ھەممە يەر چىراغ نۇرىغا چۆمگەن كېچىنى ئىللىتماقتا. ئۈرۈمچىنىڭ 1- ماي يۇلتۇزلۇق كەچلىك بازىرى دەل بۇلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەسلىمىسى ۋە ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قايتا تىجارەت باشلىغان شۇ كۈنى بىر سائەتتىلا، 1- ماي يۇلتۇزلۇق كەچلىك بازىرىدا كاۋاپ يايمىسى ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان چېن يىڭ تەييارلىغان 600 زىق كاۋاپنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولغان، بۇنىڭدىن كەچلىك ئىقتىسادنىڭ ئىستېمالنى قوزغىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ كەچلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بوشلۇقى شەھەردىلا ئەمەس، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى گۈلخان، قاناستىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان، بوغدا كۆلىدىكى ئايدىڭ كېچە... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممە جايدا ئۆزگىچە گۈزەل كەچلىك مەنزىرە بار؛ چىراغ نۇرىدا قار تېيىلىش، مىللىيچە ناخشا - ئۇسسۇل، دالىدا قونۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ كېچىسىگە رەڭدار مەزمۇن قوشتى. بۇ قىممەتلىك بايلىقلار تولۇق قېزىپ چىقىلسا، شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان كۈندۈزدە نامايان بولۇپلا قالماي، يەنە يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان كېچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نەقىشلىك چىراغلار يانغان كېچە ھەرىكەتچان جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشماقتا. كېچىدىكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇنىڭغا پۇرسەت يوشۇرۇنغان. بىز كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىساقلا، شىنجاڭ كېچىسىنىڭ ئىستېمالنى قوزغىتىش، 3- كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، ساياھەتكە تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تولۇق يوشۇرۇن كۈچىنى قازغىلى بولىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، كەچلىك ئىقتىساد تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

  («سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.net)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى