تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

داڭلىق ۋاسكېتبول چۈشەندۈرگۈچىسى سۇ چۈن ئاشكارا ئېيتتى: شىنجاڭ كوماندىسى ئادىلجان بىلەن بەش يىللىق توختام تۈزدى

  5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، CBA ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-مەيدان ئېلىشىشى داۋاملىق خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 103 كە قارشى 98 نەتىجىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېڭىلدى. سۈرەتتە فېلدېر توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار خۇاڭ شىڭ، جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى): 5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئابدۇسالام بىلەن قىرانبېكنىڭ CBA (جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى) ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 4-مەيدان ئېلىشىشىنىڭ ئاخىرقى پەيتىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئەمما، شىنجاڭ كوماندىسى 4 كە قارشى 0 نەتىجىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېڭىلدى.

  بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە شىنجاڭ كوماندىسى زور سىناق ۋە چېنىقىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە كۈچلۈكلەر سالاپىتىنى تاپتى. كېيىنكى مۇسابىقە پەسىلىدە، جوۋ چى شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ كېلىدۇ، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ داۋاملىق ياشلارنى تەربىيەلەيدۇ ۋە مۇداپىئە سېپىنى كۈچەيتىدۇ. ئابدۇسالام ۋە قىرانبېك قاتارلىق توپچىلارمۇ ئىلگىرلىمەكتە.

  داڭلىق ۋاسكېتبول چۈشەندۈرگۈچىسى سۇ چۈن شۇ كۈنى چۈشەندۈرۈش جەريانىدا مونۇلارنى ئاشكارىلىدى: شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئادىلجاننىڭ ئىمزالىغىنى 5 يىللىق توختام، بۇمۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدە تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە ئادىلجان كوماندىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، كوماندىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى قايتىدىن مۇجەسسەملىنىپ، مۇداپىئە سېپىمۇ قايتىدىن قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىردى.

  لېكىن، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، ماسلىشىشى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ CBA يېڭى ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلغان «كىچىك توپچى» (ئارقا مۇداپىئەچى/كىچىك ھۇجۇمچى) ئىشلىتىش تاكتىكىسىغا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى تەس بولدى. بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ ھوسۇل ئابدۇسالامنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھەمدە ئادىلجاننىڭ كوماندىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى بولدى. ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولۇش ئەمەلىيەتتە يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى.

  كېيىنكى مۇسابىقە پەسىلىدىكى باش ترېنېرنىڭ بېكىتىلگەنلىكىگە، جوۋ چىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى قوشقاندا، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم-مۇداپىئە سېپى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.

  مۇسابىقىدىن كېيىن قىرانبېك مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە نۇرغۇن يارىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق، لېكىن ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردۇق، بىز ئۆزىمىزنى يەڭدۇق، بۇ شۇنداقلا كوماندىنىڭ يۇقىرى-تۆۋىنىدىكىلەرنى كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىگە قارىتا تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلاتتى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى