شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنى تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورننىڭ تاج كىيگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىيلىرىنىڭ تاج كىيىش پەيتىدە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىز ۋە تايلاند خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن. سىز جۇڭگو خەلقىنىڭ كونا دوستى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدىڭىز، قوللاپ كەلدىڭىز. مەن جۇڭگو - تايلاند مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو - تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، خەلقىنىڭ بەختلىك، تىنچ - ئامان، سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.