تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

بىر يىلدا 20 نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

— ئاپتونوم رايوندىكى 17 تارماق، ئورۇننىڭ خوتەن ناھىيەسىدە نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش، يۆلەش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

  «2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، خوتەن ناھىيەسىدە 82 نامرات كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 27 مىڭ 56 نامرات ئائىلىدىكى 116 مىڭ 580 كىشى نامراتلىقتىن چېكىندى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى 2014- يىلىدىكى %38.8 تىن 2018- يىلىدىكى %9.2كە تۆۋەنلىدى.» 4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوندىكى 17 تارماق، ئورۇننىڭ خوتەن ناھىيەسىدە نۇقتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، خوتەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جېنگو خوتەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى.

  خوتەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايوندىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى باش بولۇپ ئومۇمىي ئىشلارنى تۇتۇپ، نۇقتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەيدىغان 17 تارماق ۋە ئورۇننى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، تۈر، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن خوتەن ناھىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2018- يىلى خوتەن ناھىيەسىدە جەمئىي 20 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان، 9762 ئائىلىدىكى 39 مىڭ 879 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار جەمئىي 26 مىليون 240 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى ئاجراتقان، 26 تۈرنى يولغا قويغان، 680 نامرات ئوقۇغۇچىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەرگەن، 711 نامرات ئاھالىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن، ئىشقا ئاشۇرغان ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى 6 مىليون 990 مىڭ يۈەن بولغان.

   كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈش     تۈر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

  17 تارماق، ئورۇننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەپەككۇر يولى ئېنىق بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى دەرۋازىيا كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگىنى 444 نامرات ئائىلە، 1719 كىشى بولۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %48.51كە يەتكەنىدى. 2019- يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دەرۋازىيا كەنتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماققا نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم تەستىقلىتىپ يولغا قويدى، بۇ تۈرلەر: 500 كىۋادرات مېتىرلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى ھەم يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش تۈرى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن 22نى سېتىۋېلىش تۈرى، كۆكتات پارنىكى تۈرى، 200 ئائىلىلىكنى قاپلىغان ھويلا - ئاراننى گۈزەللەشتۈرۈش تۈرى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، مۇنچا قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىقلار. بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى كەنت قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامرات ئائىلە ھەم كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىدۇ.

  جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىش تۈرىنى ماسلاشتۇرۇپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىسلام ئاۋات يېزىسى لىچىنتوقاي كەنتىدە 2000 مو يەرگە جۇڭگو تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكىنى تېرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە 1500 مودىن ئارتۇق يەرگە پىگمېنت لازىسى، سەۋزە، تاۋۇز - قوغۇن قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى جاي كەنتىنىڭ 15 نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملەشتى، بۇ، يېزا يول قۇرۇلۇشى، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە مۇنچا تۈرى، ئورمان كەكلىكى باقمىچىلىقى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

   ئىلمىي پىلانلاش     كەسىپلەر ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

  17 تارماق، ئورۇن يەرلىكنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى دېھقانلارنى سەۋزە، پىگمېنت لازىسى، قوغۇن قاتارلىقلارنى تېرىشقا يېتەكلىدى ۋە ياردەم بەردى ھەم 1000 مولۇق سۆسۈن گۈللۈك بېدە بازىسى قۇردى؛ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ قاقشال كەنتىدە 300 كىۋادرات مېتىرلىق نان يېقىش سېخى سېلىپ، «دەستە - دەستە نان» دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش ۋە بازاردا سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، نانچىلىق كەسپىنى زورايتتى. ھازىر كۈنىگە 3000 نان يېقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ كەنتتىكى 20 نەچچە ئايالنىڭ ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى باش بانكىسى ئىئانە قىلغان پارتىيە بەدەل پۇلىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىئاۋات يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتىگە 1500 كىۋادرات مېتىرلىق تۆمۈرچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ بېرىپ، 100 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىغانلىقى ھەم كەنت كوللېكتىپى ئۈچۈن ھەر يىلى 60 مىڭ يۈەن ئىجارە كىرىمىنى كۆپەيتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىغا تايىنىپ، يېڭىئېرىق يېزىسى باشقۇغاچ كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ياڭاق، قارا توخۇ، توشقانزەدىكى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى 1 مىليون 890 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بەش باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 130 كىشىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ياڭاقچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلدى؛ جۇڭگو جۇڭمېي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈچ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بېيجىڭ سادىق مېۋىچىلىكىنىڭ 4 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك قۇرۇق مېۋە سېتىش توختامىنى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولدى.

   ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش     ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش

  نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قاراشنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ قول سېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باش تېمىسىدىكى باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇن ياردىمى بىلەن قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «1+1» قانۇن پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ قانۇن جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش، كەچلىك كۇرستىكى ئۆگىنىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، «ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى؛ شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىقلارغا دائىر 100 پارچە تەشۋىقات تاختىسى ياساپ، خانئېرىق بازىرى چارشەنبە بازار كەنتىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىغا ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ نۇقتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى كەنتلەرگىچە، ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى نامرات ئامما ئائىلىسىگە يەتكۈزۈشكە پايدىلىق، ۋىلايەت - ئوبلاست، ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ نۇقتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش رولىغا ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئىجتىمائىي نامراتلارنى يۆلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى مەتسەيدى مەتسىدىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى