تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بولغان تونۇشى، تەسىراتىنى بەھۇزۇر سۆزلىدى.

  چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزى قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشلارغا بايراملىق سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىگە ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو ياشلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو ياشلىرىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇلۇغ 4- ماي روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شەخسىي غايە ئىنتىلىشىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىگە يۇغۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ ياشلىقنىڭ يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى. بىرىنچى، تىرىشىپ ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئورتاق غايىگە قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى چىڭىتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، تىرىشىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش كېرەك؛ ئۈچىنچى، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك ئىشلارغا پائال ئاتلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، تىرىشىپ ياشلىق ئارزۇسىغا ئىنتىلىشنىڭ ئارمانسىز پۈتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، كىشىلىك ھاياتتىكى مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋەتەن چېگراسىغا بېغىشلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ تالانتىنى نامايان قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك؛ بەشىنچى، تىرىشىپ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقۇچىلاردىن بولۇپ، ئۆگىنىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئادىمىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئالتىنچى، تىرىشىپ ئىنتايىن كۆيۈمچان، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىك، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك ئەخلاق يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەر قايسى ئورۇنلار ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياشلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مۇنەۋۋەر ياشلار ۋەكىللىرى ۋە مۇنەۋۋەر ياش خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، ياشلار خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.