تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

4- ماي روھىنى يېڭى دەۋردە يېڭى نۇر چاچقۇزايلى

ــــ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

  100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش، 100 يىللىق بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەسلىك، 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق. بۈگۈن 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، بىز 100 يىل ئىلگىرىكى جۇشقۇنلۇققا تولغان ئاشۇ يىللارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، زامانىمىزدىكى ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىنى، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، يېڭى دەۋردە 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، زامانىمىزدىكى ياشلاردىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۈمىد كۈتۈپ، كەڭ ياشلارنىڭ يېڭى دەۋرگە پائال قۇچاق ئېچىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  4- ماي ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم، زور ۋەقە، 4- ماي روھى 4- ماي ھەرىكىتى ياراتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زور بولغان ئىنتايىن خەۋپلىك ۋەزىيەتنىڭ ئالدى ئېلىندى؛ ئىدىيەنى ئويغىتىش ئۈچۈن، تارىخ ساداسى ياڭرىتىلدى. مىللەت خەۋپ - خەتەردە قالغان پەيتتە پارتلىغان 4- ماي ھەرىكىتى بىر مەيدان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت، ئۇلۇغ ئىدىيەدە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەندىن ئىبارەت ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىغا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  4- ماي ھەرىكىتىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا يېتەكچى ئىدىيەگە ئايلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، سوتسىيالىزم جۇڭگودا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن تۇرۇشتىن، بېيىپ قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 170 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش تارىخىدا تۇرۇپ، 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ ئابىدىگە − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا قايتا نەزەر سالساق، بىز 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يۈكسىلىشىدە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز، 4- ماي روھىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيمىز.

  ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلار «ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ئائىلە، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان دۆلەت، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەت، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ئىنسانىيەت، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان يەرشارى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان ئالەمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى»، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوران - چاپقۇنلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، گۈللىنىشكە قاراپ ماڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ياشلىق مېلودىيەلىرىنى ياڭراتتى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇكى، ياشلار پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كۈچ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتكىنىدەك: «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىللە <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.» كەڭ ياشلار 4 - ماي روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش بىلەن پۇختا قەدەم بېسىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەخسىي غايىسىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە يۇغۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىشى كېرەك.

  4- ماي روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىدا، ھازىرقى زامان ياشلىرى ئائىلە دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەن بىلەن بىللە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى 4- ماي روھىنىڭ يادروسى، مىللىي روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، توختىماي ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى رىشتە. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن - ئاخىر مىللەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا قوشۇلىدۇ؛ ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن پارتىيەنىڭ تەقدىرى، سوتسىيالىزمنىڭ تەقدىرى زىچ مۇناسىۋەتلىك. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيىتى دەل ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.» «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ يارقىن دەۋر باش تېمىسى. كەڭ ياشلار بۇ دەۋر باش تېمىسى بىلەن بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتىكى غايە - ئېتىقادنى تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشى جەريانىغا ئاڭلىق يۇغۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  4- ماي روھىنىڭ ئىلھامىدا، ھازىرقى زامان ياشلىرى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلىشى كېرەك. خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلغاندا، ياشلىق باھارىنى ئاندىن جۇلالاندۇرالايدۇ؛ خەلق بىلەن بىللە ئىلگىرىلىگەندە، ياشلىق باھارىنى ئاندىن ئۇرغۇتالايدۇ؛ خەلق بىلەن ئورتاق ئارزۇدا بولغاندا، ياشلىق باھارىدا ئاندىن پۇشايمان بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھازىرقى زامان جۇڭگو ياشلىرى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن، جەزمەن خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە قاتنىشىشى كېرەك.» بۈگۈن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەم تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم «زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەندى» دەيدىغان دەۋر بۇرچىغا دۇچ كەلمەكتە. كەڭ ياشلار پەقەت ئۆزىنى ۋەتەن، خەلقتىن ئىبارەت چوڭ ئومۇملۇق ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، كىشىلىك ھايات مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ، ۋەتەننىڭ بىپايان ئاسمىنىدا ياشلىق باھارى ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرالايدۇ.

  100 يىللىق دەۋر ئۆزگىرىشلىرىدە، ئۆزگەرمىگىنى روھ؛ 100 يىللىق مىسلىسىز ئۆزگىرىشتە، ئاجىزلاشمىغىنى ياشلىق. بۈگۈن، 4- ماي روھىنى يېڭى دەۋردە يېڭى نۇر چاچقۇزۇش 4- ماي ھەرىكىتىگە بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلەشتۇر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ياشلىق قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق غايىمىزنى قوغلىشىپ، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ياشلىق جاسارىتىمىزنى نامايان قىلىپ، كۈرەشكە ئاتلىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يولىنى ئېچىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا تېخىمۇ يارقىن جۇلالاندۇرايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى