تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ.

  «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى، بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.» 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىدىن چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش، باتۇرانە، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش، ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاشتىن ئىبارەت ئالتە ئۈمىدنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى مىزان بىلەن تەمىنلىدى، ياشلىق باھارى مۇساپىسىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. سەمىمىي ئۈمىد، سەمىمىي تاپشۇرۇق كەڭ ياشلارنىڭ قەلبىنى قاتتىق ھاياجانغا سېلىپ، غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى.

  4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىلدا، جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغۋار غايە، ئارزۇغا ئىگە، چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە، ئۇلۇغ ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە ياشلار، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ. بۈگۈن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەم تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم «زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەندى» دەيدىغان دەۋر بۇرچىغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىللە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

  4- ماي روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە ئۈمىدنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئىرادىلىك بولۇپ، يىراقنى كۆزلىگەندىلا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، دۆلەت ۋە مىللەتكە ئىنتايىن قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشالايدۇ. ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت، قەلب ئىنتىلىشى، سۆيگۈ ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى، ياشلارنىڭ ئادەم بولۇشىنىڭ ئاساسى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنىڭ ئۇلى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن خەۋپ - خەتەرگە قارشى كۈرەش قىلسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، زاپاس كۈچكە تولىدۇ، ئۈمىدكە تولىدۇ. كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن سىيماسى، پەقەت باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىلىك ھايات غايىسىنىڭ يەلكىنىنى جەۋلان قىلدۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى - نەزەر دائىرىسى، ئىدىيەسى - قارىشى، تونۇشى - سەۋىيەسىنى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاپ، كۈرەش داۋامىدا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاھاندىكى ئىسسىق - سوغۇقنى، خەلقنىڭ قايغۇ - شادلىقىنى، رېئال زىددىيەتلەرنى بايقىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى، كەسىپ يۆنىلىشىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ئالتە ئۈمىدنى چوڭقۇر ياخشى ئىگىلىگەندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئاندىن دەۋر يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدۇ.4- ماي روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە ئۈمىدنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئۇلۇغۋار غايە تىكلەشتە، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش كېرەك؛ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، ئۈزلۈكسىز ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاش كېرەك؛ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشتا، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جەريانىدا چېنىقىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتا، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، توسالغۇلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش داۋامىدا زېمىن ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا نەتىجە يارىتىش كېرەك؛ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈشتە، ئۆگىنىش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، پەزىلىتىنى تاۋلاپ، خىزمەت جەريانىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ ئەخلاق - پەزىلەت تاۋلاشتا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىش كېرەك. بۇ ئالتە ئۈمىدنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ياشلىق باھارى ۋە قان - تەرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

  «شامالدا قىلىپ پەرۋاز، ئۆرلىدىم تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققا، نەزەر سالدىم ۋەتىنىمنىڭ گۈل تاغ - دەريالىرىغا.» جۇڭگو ئارزۇسى تارىخنىڭ، رېئاللىقنىڭ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ؛ بىز مۇشۇ ئەۋلادلارنىڭ، تېخىمۇ مۇھىمى ياش ئەۋلادلارنىڭ. كۈرەش داۋامىدا ياشلىق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلىق غايىسىنى قوغلاشقاندا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى چوقۇم ياشلىق جاسارىتىنى نامايان قىلىپ، كۈرەشكە ئاتلىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يولىنى ئېچىپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ياشلىق كۈچىنى قوشالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى