تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاممىۋى ئاساسنى پۇختا سالىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەكبەر تۇرغۇن

  بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ۋە يىلتىزى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە. شىنجاڭنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇش بىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تالىشىش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئىدىيەۋى ئاساسى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يالغان سۆز، سەپسەتە تارقىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى تەپ تارتماي بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى كۆپتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچەپ داغدۇغا پەيدا قىلدى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى سىڭدۈرمىچىلىكى ئارقىسىدا، بەزى كىشىلەر شىنجاڭنىڭ تارىخىغا قارىتا خاتا قاراش ۋە مۈجمەل تونۇشتا بولدى، ھەتتا ئازدۇرۇلۇپ، مەجبۇرلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زەمبىرەك يېمى ۋە قۇربانىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايونلار قەدىمدە غەربىي يۇرت دەپ ئاتالغان، چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. چىن، خەن سۇلالىسىدىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن ئىككى فېئودال خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تومۇرىغا ئايلاندى، شىنجاڭ رايونى باشتىن - ئاخىر جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەندىزىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كەلدى. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىدا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلدى، بۇ، شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. گەرچە شىنجاڭ رايونىدا تارىختا بەزى سۇلالە، خانلىق ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى، ھەممىسى جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس. شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

  تارىخ ئوبيېكتىپ بولىدۇ، ئۇنى ھېچكىم بۇرمىلىيالمايدۇ، ئويدۇرۇپ چىقالمايدۇ ۋە ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزى دەل ئىدېئولوگىيەدىن يوچۇق ئېچىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان قان قېرىنداشلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.

  «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز، بىز «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، «ئىككى پان» ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە، چىرىتىشىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋەتەننىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىشى شەرت. مىللەتلەر پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ.

  بىرلىك سەپ ساھەسىدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەكلا «كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش»نى ئومۇمىي خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىمەن؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچەيتىمەن، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختىلايمەن. ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كەڭ ئاممىۋى ئاساسنى پۇختا سالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى