تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىغانلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق

خوتەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەركىن ئەلى

  مەن مائارىپ خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانام كومپارتىيە ئەزاسى. كىچىكىمدە دادامنىڭ ماڭا بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئىنقىلابىي قۇربانلار جېنىدىن كېچىپ، ئىسسىق قان ئاققۇزۇش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن، دېگەن سۆزى ھېلىھەم ئېسىمدە.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، بۈگۈنكى كۈندە، يېزىلاردىكى توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، مائارىپ سېلىنمىسى ئۈزلۈكسىز زورايدى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ئاغرىپ قالغانلار كاپالەتكە ئىگە بولالايدىغان، نامراتلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان، تېرىقچىلىق قىلغانلار تولۇقلىما ئالالايدىغان بولدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختكە چۆمدى.

  ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەدەنىيلىكنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا بولمايدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، غالجىرلاشقان قىلمىشلىرى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىۋاتقان بارلىق كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  مەڭگۈ پارتىيەگە سادىق زېرەك ئادەم بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، كاللىسى سەگەك بولۇش، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيداندا قەتئىي بولۇپ تەۋرەنمەي، پوزىتسىيەدە قەتئىي تۇتۇق بولماي، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ مۈجمەل بولماي، مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ئالدىدا تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمەن؛ «مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئاڭلاپ بىلەلەيدىغان، چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق - تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق ھالدا ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى