شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيە يېڭى تېننوسى دېرېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى دۆلەت بىرلا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.
شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە يېقىندا تەختتىن چۈشكەن ياپونىيەنىڭ ئالدىنقى تېننوسى مىڭرېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.