تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو - دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 1- كۈنى دومىنىكا زۇڭتۇڭى مېدىنا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 5- ئايدا، جۇڭگو دومىنىكا بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇلتۇر 11- ئايدا، سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن چىقارغان توغرا سىياسىي ھۆكۈم بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى. مەن جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلىشىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مېدىنا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، دومىنىكا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىگە ئايلاندى. بىز باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا قۇرۇلغان دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىدىن زور ئۈمىد كۈتىمىز، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى