تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. بۈگۈن نەشر قىلىنغان 9- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا بولغان قاراش ۋە تەشەببۇس ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەندى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈككە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان رىشتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىققا تولىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرا پوزىتسىيە ۋە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشقا موھتاج. بىرىنچى، مەدەنىيلىك رەڭداردۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان. ئىنسانلار ئۇزاق تارىخىي ئېقىندا رەڭگارەڭ مەدەنىيلىكنى ياراتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدارلىقىنى بېيىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرۈش، تېخىمۇ تاللاشقا ئىگە كەلگۈسىنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، مەدەنىيلىك باراۋەردۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى باراۋەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتكە ئىگە بولغان. ھەر خىل ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، يۇقىرى ۋە تۆۋەن، ياخشى ۋە ناچار دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەر خىل مەدەنىيلىكنىڭ چىن مەنىسىنى بىلىشتە، باراۋەر، كەمتەر پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇش شەرت. ھاكاۋۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش مەدەنىيلىكتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى. ئۈچىنچى، مەدەنىيلىك سىغدۇرۇشچاندۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى سىغدۇرۇشچان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولغان. پەقەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بولغاندىلا، بىر خىل مەدەنىيلىك ئاندىن ھاياتىي كۈچكە تولالايدۇ. پەقەت سىغدۇرۇشچان بولۇش روھىدا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن قانداقتۇر «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى» مەۋجۇت بولمايدۇ، مەدەنىيلىكنىڭ ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئۆزگىرىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، بىراق ئۇ باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق مەنىۋى ئىنتىلىشىنى جۇغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنىۋى بەلگىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگو زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيلىك، شۇنداقلا باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن مەدەنىيلىك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئىرق، تېرە رەڭگى، دىن ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن تەركىب تاپقان دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىككە مۇئامىلە قىلىشتا، بىز ئاسماندىنمۇ كەڭرى قەلبكە موھتاج. بىز ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئىچىدىن ئەقىل - پاراسەت ئىزدەپ، ئوزۇق ئېلىپ، كىشىلەرنى مەنىۋى تىرەك ۋە روھىي تەسەللى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل خىرىسلارنى قول تۇتۇشۇپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى قوش قانات قىلغان تەرەققىيات جەريانى. جۇڭگو خەلقى دەۋرنىڭ يېڭى ئىلگىرىلىشى بويىچە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرلىك ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مول، رەڭدار مەدەنىيلىك بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنى توغرا مەنىۋى يېتەكچى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.