تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە  ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەت

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  بىر تارىخىي ۋەقەنىڭ مۇھىم، زور قىممىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيىتى ھەمىشە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ نامايان بولۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

  «بۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مۇھىم، زور ۋەقە» «قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى قوزغاتتى» «يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ 100 يىل ئىلگىرىكى جۇشقۇنلۇققا تولغان ئاشۇ يىللارنى ئەسلەپ، 4- ماي روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، گۈللىنىش كۈچىنى قوزغىتىشىمىزنى ئىدىيە قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  4- ماي ھەرىكىتى مىللەت خەۋپ - خەتەردە قالغان پەيتتە پارتلىغان، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان، جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، جۇڭگو خەلقى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن قوزغىغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىم تارقىتىلغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىدىيەدە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى. بۇ بىر مەيدان ھەرىكەت ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىدىيە جەھەتتىكى، كادىرلار جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن تەمىنلىدى. 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن ئۈچ چوڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەقەگە ئايلاندى ھەم يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە بولۇپ قالدى.

  تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئۇ بىر دۆلەت بېسىپ ئۆتكەن ئىزلارنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەيدۇ، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈن، بىز 4- ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەندە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. 4- ماي ھەرىكىتى ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى يېتىلدۈردى، ئۇنىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىدا ئېقىپ كەلگەن، ئۇنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇزۇۋەتكىلى بولمايدۇ، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەقەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگونى ئۆزگەرتىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا، تاغنى تالقان قىلىدىغان تارىخىي ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ.

  بۈگۈن، بىز 4- ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەندە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىدىغان ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. 4- ماي ھەرىكىتى ئىلگىرى پەقەت ئويغانغان ئىنقىلابچىلار بولسىمۇ، ئويغانغان خەلق ئاممىسى كەمچىل بولۇشتەك كۈرەش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىق، جۇڭگودىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىلغار كىشىلەر ماركسىزم بايرىقى ئاستىغا توپلاندى، 1921- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو تارىخىدا يېپيېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ماركسىزم بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش دولقۇنىنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق كىشى توسۇپ قالالمىدى.

  بۈگۈن، بىز 4- ماي ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەندە، مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. 4- ماي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى جەزمەن ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھېچكىمنىڭ بىزگە پارلاق جۇڭگونى ئىلتىپات قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، پەقەت جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلسىلا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ماڭالايدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  ۋاقىت دەرياسى توختاۋسىز ئاقتى، گۈللىنىش يولى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئېلىپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەش جەريانىدا دولقۇن يېرىپ ئېلىشساقلا، ھەممە بەسلىشىۋاتقان رىقابەتتە ئېقىننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرساقلا، بىز جەزمەن 4- ماي روھىنى تېخىمۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان دەۋر نۇرى چاچقۇزۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى