تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى   ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

4- ئاينىڭ 30- كۈنى، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)
4- ئاينىڭ 30- كۈنى، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  4 - ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك. بىرىنچى، ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك؛ تۆتىنچى، باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك؛ بەشىنچى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؛ ئالتىنچى، ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 4- ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىللە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق سارىيى چوڭ زالىنىڭ كەيپىياتى ھەيۋەتلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا «2019 - 1919» دېگەن قىزىل خەت بەلگىسى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە بۆلۈپ تىزىلغانىدى. چوڭ زالنىڭ 2- قەۋىتىدىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ گۈزەل ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتەيلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

  يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر يۇقىرى ئاۋازدا «مەن ۋە ۋەتىنىم»، «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»، «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى، يىغىن مەيدانىدا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ياشلىق قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي پەيتتە، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 4- ماي پېشۋالىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى ياد ئېتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەۋاتىمىز، بۇ، 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- ماي ھەرىكىتى مىللەت خەۋپ - خەتەردە قالغان پەيتتە پارتلىغان، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان، جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، جۇڭگو خەلقى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن قوزغىغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىم تارقىتىلغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىدىيەدە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپ، قۇدرەتلىك كۈچ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى قوزغاتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 4- ماي ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابىيلىقى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەقىقىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىلغارلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدەك كەڭ دائىرىلىكلىكى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىدىيە جەھەتتىكى، كادىرلار جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى ئىنقىلابىي كۈچ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى، ئۇ جۇڭگو كونا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابقا قاراپ مېڭىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. 4- ماي ھەرىكىتى ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى يېتىلدۈردى، ئۇنىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئالغا بېسىشتىكى مەنىۋى رىشتىسى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىدا ئېقىپ كەلگەن، ئۇنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇزۇۋەتكىلى بولمايدۇ، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەقەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگونى ئۆزگەرتىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا، تاغنى تالقان قىلىدىغان تارىخىي ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىدىغان ئۇلۇغ ئويغىنىشنى قوزغاتتى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىق جۇڭگودىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىلغار كىشىلەر ماركسىزم بايرىقى ئاستىغا توپلاندى، 1921- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو تارىخىدا يېپيېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ماركسىزم بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش دولقۇنىنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق كىشى توسۇپ قالالمىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېلىشىشى ئارقىلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەنئەنىنى يېتىلدۈردى. 4- ماي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى جەزمەن ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، ھېچكىمنىڭ بىزگە پارلاق جۇڭگونى ئىلتىپات قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندى. تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، پەقەت جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلسىلا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ماڭالايدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياشلار پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كۈچ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەم تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم «زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەندى» دەيدىغان دەۋر بۇرچىغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا ئالتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى زېمىنغا بېرىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش جەريانىدا نۇرلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، بىر ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بېغىشلاش، بىر ئۆمۈر قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىپايان زېمىنىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى، كىشىلىك ھاياتىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشتەك جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى، باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش داۋامىدا زېمىن ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق باھارى ۋە تەرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك. بەشىنچى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆگىنىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تالانتى، ئەمەلىي بىلىمى بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئالتىنچى، ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات، كۆتۈرەڭگۈ روھنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كېڭەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن، شۇڭا جەزمەن باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياش ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەمدە پۈتۈن جەمئىيەت ياشلارغا تولۇق ئىشىنىشى، ياشلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ياشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىشى، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىشى، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى بولۇشى، ياشلار خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلارغا يېقىنلىشىپ، ياشلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ، ياشلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ياشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ياشلارنى يېتەكلەپ، ياشلارنىڭ تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىپ، ياشلارنىڭ ئويلايدىغىنى، ئەندىشىسى، ئارزۇسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغان تەرەققىيات شارائىتىنى پائال يارىتىپ، ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلەپ، ئالقىش ياڭرىتىپ، ياش قەھرىمانلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ تېز قەدەم تاشلاشقا قوزغىتىدىغان جۇشقۇن كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى يېتەكلەش - ئۇيۇشتۇرۇش، ياشلارنى تەشكىللەش - سەپەرۋەر قىلىش، ياشلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو ياشلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك. بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كەڭ شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قوللىشى، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ياشلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، 4- ماي ھەرىكىتى پېشۋالىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، يېڭى دەۋردە 4- ماي روھىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ھازىرقى زامان ياشلىرىدىن ئۈمىد كۈتتى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، ئەجدادلارغا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشىمىز كېرەك.

  يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەرساھە ئامما ۋە ياشلار ۋەكىللىرى بولۇپ 3000دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.