تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2019- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى)

شى جىنپىڭ

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، ياش دوستلار، يولداشلار:

  100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو زېمىنىدا جۇڭگو، چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان 4- ماي ھەرىكىتى پارتلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مۇھىم، زور ۋەقە.

  بۇ يىل 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي پەيتتە، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 4- ماي پېشۋالىرىنىڭ ئالىيجاناب ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى ياد ئېتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەۋاتىمىز، بۇ، 4- ماي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  4- ماي ھەرىكىتى مىللەت خەۋپ - خەتەردە قالغان پەيتتە پارتلىغان، ئىلغار ياش زىيالىيلارنى ئاۋانگارت قىلغان، كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشقان، جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنقىلابىي ھەرىكىتى، جۇڭگو خەلقى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش، مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن قوزغىغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابىي ھەرىكەت، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەت، يېڭى بىلىم تارقىتىلغان بىر مەيدان ئۇلۇغ ئىدىيەدە ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى بولۇپ، قۇدرەتلىك كۈچى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى قوزغاتتى.

  4- ماي ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابىيلىقى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەقىقىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىلغارلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدەك كەڭ دائىرىلىكلىكى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىدىيە جەھەتتىكى، كادىرلار جەھەتتىكى تەييارلىق بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى ئىنقىلابىي كۈچ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى، ئۇ جۇڭگو كونا دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابقا قاراپ مېڭىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  − 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. 4- ماي ھەرىكىتى ۋەتەننى سۆيۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش، دېموكراتىيە، ئىلىم - پەننى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئۇلۇغ 4- ماي روھىنى يېتىلدۈردى، ئۇنىڭ يادروسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئالغا بېسىشتىكى مەنىۋى رىشتىسى. 4- ماي ھەرىكىتى مەزگىلىدە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ھايات - ماماتلىقىغا دۇچ كەلگەن بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر ياشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى باتۇرلۇق بىلەن قوزغىلىپ كۈرەش قىلدى، «دۆلەت زېمىنىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ، خەلق باش ئەگسە بولمايدۇ» دەپ قەسەم بېرىپ، ئۇلۇغۋار روھ مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەردانە ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسىنى ياڭراتتى.

  تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان تومۇرىدا ئېقىپ كەلگەن، ئۇنى چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، بۇزۇۋەتكىلى بولمايدۇ، يوقىتىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پەقەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەندىلا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگونى ئۆزگەرتىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىش جەريانىدا تاغنى تالقان قىلىدىغان تارىخىي ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ!

  − 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىدىغان ئۇلۇغ ئويغىنىشنى قوزغاتتى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە، دۆلىتىمىزدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار زىيالىيلار ۋە ئىنقىلابىي ياشلار ھەقىقەتكە ئىنتىلىش داۋامىدا يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن فېئودال ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن فېئوداللىق كونا قائىدە - يوسۇن، كونا ئەخلاق، كونا ئىدىيە، كونا مەدەنىيەتكە شىددەتلىك زەربە بەردى. 4- ماي ھەرىكىتى ئىلگىرىكى پەقەت ئويغانغان ئىنقىلابچىلارلا بولۇش، ئويغانغان خەلق ئاممىسى كەمچىل بولۇشتەك كۈرەش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىق، جۇڭگودىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئىلغار كىشىلەر ماركسىزم بايرىقى ئاستىغا توپلاندى، 1921- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو تارىخىدا يېپيېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى.

  تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، ماركسىزم بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، يۈكسىلىشكە ئىنتىلىش دولقۇنىنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقانداق كىشى توسۇپ قالالمىدى!

  − 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېلىشىشى ئارقىلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەنئەنىنى يېتىلدۈردى. 80 يىل ئىلگىرىلا، يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «جۇڭگونىڭ ياشلار ھەرىكىتى ئىنتايىن ياخشى ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە، بۇ ئەنئەنە دەل <مەڭگۈ كۈرەش قىلىش>». 4- ماي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقىدى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى جەزمەن ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى، ھېچكىمنىڭ بىزگە پارلاق جۇڭگونى ئىلتىپات قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندى.

  تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، پەقەت جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلسىلا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ماڭالايدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ!

  4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇدا كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل.

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ياشلىرى ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان ساپ قەلبى بىلەن پارتىيە رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، خەلق ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارىنى ۋەتەن ۋە خەلققە تەقدىم قىلىپ، سەلتەنەتلىك ياشلىق ناخشىسىنى ئۈزۈلدۈرمەي ياڭراتتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغۋار غايە، ئارزۇغا ئىگە ياشلار! جۇڭگو ياشلىرى چوڭقۇر ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە ياشلار! جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغ ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە ياشلار! مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، جۇڭگو ياشلىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچ!

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتتۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇردۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى!

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق بىلەن بىللە «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت.

  ياشلار پۈتكۈل ئىجتىمائىي كۈچلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كۈچ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەم تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم «زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەندى» دەيدىغان دەۋر بۇرچىغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ دەۋرىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەرە قويماسلىقى كېرەك.

  بىرىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشى كېرەك. ياشلارنىڭ غايە - ئېتىقادى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. ياشلارنىڭ غايىسىنىڭ ئۇلۇغۋار، ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ياشلار ئىرادىلىك بولۇپ، يىراقنى كۆزلىگەندىلا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتالايدۇ، ياشلىق مەزگىلىدە خۇددى رولسىز كېمىدەك نىشانسىز لەيلەپ يۈرمەيدۇ. دېمەك «دانىشمەنلەردىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىگەندە دانىشمەن بولغىلى بولىدۇ، ئاقىللاردىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىگەندە ئاقىل بولغىلى بولىدۇ.» ياشلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى ئوخشاش بولمايدۇ، كەسىپ تاللىشىدىمۇ پەرق بولىدۇ، لېكىن پەقەت ئۆزىنى ۋەتەن، خەلقتىن ئىبارەت چوڭ ئومۇملۇق ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش، خەلق بىلەن تەقدىرداش بولغاندىلا، ئاندىن كىشىلىك ھايات قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، كىشىلىك ھايات مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ. ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىدىن ئايرىلسا، ھەرقانداق ئۆزىنى قالتىس چاغلاشنىڭ ھەممىسى ماڭغانسېرى تارلىشىپ، كىچىكلەپ كېتىدىغان زېمىنغا پېتىپ قالىدۇ.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى زېمىنغا بېرىپ، غايە - ئېتىقادىنى ئىگىلىك تىكلەش كۈرىشى جەريانىدا يۈكسەلدۈرۈشى، ياشلىق باھارىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش جەريانىدا نۇرلاندۇرۇشى كېرەك!

  ئىككىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئىش «ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى بىلىش». بىر ئادەم ۋەتەننى سۆيمىسە، ھەتتا ۋەتەننى ئالدىسا، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلسا، ئۇنداقتا ئۆز دۆلىتىدىمۇ، دۇنيادىمۇ ئىنتايىن شەرمەندە بولىدۇ، شۇنداقلا پۇت دەسسەپ تۇرغۇدەك يەرمۇ تاپالمايدۇ. ھەربىر جۇڭگولۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت، قەلب ئىنتىلىشى، سۆيگۈ ماكانى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنىڭ ئۇلى. ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگودا، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيىتى دەل ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، ئۈزلۈكسىز ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىشى، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلىشى، بىر ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بېغىشلاش، بىر ئۆمۈر قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك!

  ئۈچىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. دەۋر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. لۇ شۈن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ياشلار «ھاياتىي كۈچكە باي كېلىدۇ، قويۇق ئورمانغا يولۇقسا، كېسىپ تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرالايدۇ، باياۋانغا يولۇقسا، دەل - دەرەخلەرنى تىكەلەيدۇ، قۇملۇققا يولۇقسا، قۇدۇق قېزىپ بۇلاق ھاسىل قىلالايدۇ.» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، مۇھىم، زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، مۇھىم، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيدىغان، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. پەقەت ياشلارنىڭ ھەممىسى يۈكنىڭ ئېغىرىنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلسىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، زاپاس كۈچكە تولىدۇ، ئۈمىدكە تولىدۇ. ياشلار يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ دېگەندەك، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى، شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان قەيسەر، پىداكارلاردىن بولۇشى، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر دولقۇنلىرىدا مەزمۇت تۇرۇشى، تىرىشىپ دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بارلىق ئىزدىنىش، سىناپ بېقىشنى خەتەرلىك ئىش دەپ قارايدىغان، بارلىق ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى زىيان تارتىش دەپ قارايدىغان، بارلىق «پىنھان جايدا يوشۇرۇنۇۋېلىپ ئامانلىق ئىزدەش»تەك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئىدىيە ۋە قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىگە يول قويغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەقىقىي كىشىلىك ھايات خۇشاللىقىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى بۇ دەۋرنى قەدىرلەپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جەريانىدا چېنىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىپايان زېمىنىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى، كىشىلىك ھاياتىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشتەك جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى كېرەك!

  تۆتىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. كۈرەش قىلىش ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ يارقىن سىيماسى. «200 يىل ياشاشقا ئىشەنچىم تۇرسا يانا، 3000 چاقىرىم سۇ ئۈزۈش ھېچ گەپ ئەمەستۇر ماڭا.» مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلىك ھايات غايىسىنىڭ يەلكىنىنى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك. كەڭ خەلق، بولۇپمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، داۋاملىق جاپالىق كۈرەش قىلمىغان بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەتىسىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، بىراق ھېچقانداق بىر قېتىملىق كۈلپەت بىزنى غۇلىتالمىدى، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى بىزنىڭ مىللىي روھىمىز، ئىرادىمىز، كۈچىمىزنى قايتا - قايتا يۈكسەلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، بىراق كۈرەش قىلىش روھىمىز ئازراقمۇ كېمەيسە بولمايدۇ، جۇڭگو ياشلىرى مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان ياخشى ئەنئەنىنى ئازراقمۇ يوقىتىپ قويسا بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مۇقەررەر ھالدا مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر بولىدۇ، مۇقەررەر ھالدا جاپالىق، خەتەرلىك توسالغۇلار، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلار بولىدۇ، بۇلار بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق. كۈرەش قىلىش جاراڭلىق شوئارلا ئەمەس، بەلكى ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىش، ھەربىر ۋەزىپىنى ئورۇنداش، ھەربىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا روھنى گەۋدىلەندۈرۈش دېگەنلىكتۇر. كۈرەش قىلىش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا مۇشەققەتكە، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان بولىدۇ. كۈچلۈكلەر ھامان ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدە ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ، مەڭگۈ بەل قويۇۋەتمەيدۇ.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، بارلىق قىيىنچىلىق، خەتەرلىك توسالغۇلارغا قەتئىي قورقماي يۈزلىنىپ، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش داۋامىدا زېمىن ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق باھارى ۋە تەرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

  بەشىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ياشلىق ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىدىغان، قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان ئالتۇن مەزگىل. «ياشلىق باھارى ئۆتسە نەتىجىسىز بىھۇدە، يوقتۇر پۇشايمانغا ئامال چاچقا ئاق كىرگەندە.» بۈگۈنكى دەۋردە، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى ئىنچىكىلىشىۋاتىدۇ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقا - ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىقىۋاتىدۇ. بۇ ھەم ياشلارغا تالانتىنى نامايان قىلىش، خىسلىتىنى بەسلىشىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلىدى، ھەم ياشلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىغا يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. مەيلى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بولسۇن، ياكى دەۋرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشتا بولسۇن، ياشلار ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ، ياشلىقىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەي، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، ئىچكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى - نەزەر دائىرىسى، ئىدىيەسى - قارىشى، تونۇشى - سەۋىيەسىنى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۆگىنىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، زور ئىشتىياق بىلەن، ھارماي - تالماي ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش داۋامىدا بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، پەزىلىتىنى تاۋلاپ، خىزمەت جەريانىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ھەقىقىي تالانتى، ئەمەلىي بىلىمى بىلەن خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

  ئالتىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئەخلاق - پەزىلىتىنى تاۋلىشى كېرەك. ئەخلاق بولمىسا ئادەم روناق تاپمايدۇ، ئەخلاق - پەزىلەت ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى. كامالەتكە يېتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان كىشىلىك ئىنتىلىشى. بىز قۇرۇپ چىقىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت ماددىي جەھەتتە قۇدرەتلىك بولۇپلا قالماي، مەنىۋى جەھەتتە تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشى كېرەك. مەنىۋى جەھەتتە قۇدرەتلىك بولغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ئۇزاققىچە، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ياشلار توغرا ئەخلاق تونۇشى، ئاڭلىق ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، ئاكتىپ ئەخلاق ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى تەربىيەلەپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاق ئاساسىنى پۇختىلاپ، كىشىلىك ھايات يولىدا تېخىمۇ دۇرۇس، تېخىمۇ يىراققا مېڭىشى كېرەك. دۇنيانىڭ مۇرەككەپ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، توغرا يولنى ساقلاش كېرەك، باشقىلار نېمە دېسە شۇنى دەپ، قارىغۇلارچە ئەگىشىشكە بولمايدۇ. تاشقى دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشى ئالدىدا، ئىرادىسىنى ساقلاپ، قائىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى ۋە سەمىمىي ئەمگىكى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشى، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشنى رەت قىلىپ، بىلەرمەنلىكتىن يىراقلىشىشى كېرەك. گۈزەل كۈنلەرگە ئېرىشكەندە، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەپ، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جەمئىيەت ۋە خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك. كۈرەش قىلىش داۋامىدا تۈرلۈك مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاھاندىكى ئىسسىق - سوغۇقنى، خەلقنىڭ قايغۇ - شادلىقىنى، رېئاللىقتىكى زىددىيەتلەرنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى، كەسىپ يۆنىلىشىنى تېپىش كېرەك.

  يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىدىن ئەخلاق ئوزۇقى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قەھرىمان شەخسلەر ۋە دەۋر ئۈلگىلىرىنىڭ جىسمىدىن ئەخلاق سالاپىتىنى ھېس قىلىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەتنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك، چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك، تارىخىي ئىنكارچىلىق قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى ئاڭلىق توسۇپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىپ، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات، كۆتۈرەڭگۈ روھنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كېڭەيتىشى كېرەك!

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، باشتىن - ئاخىر ياشلار خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى قىلىپ كەلدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ياشلىق دەۋرىدە تولۇپ تاشقان ئېتىقاد ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن پارتىيە تەشكىلاتىغا كىردى ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلدى. پارتىيە قوشۇنىدا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك غايىنى قەلبىگە پۈككەن، تولۇپ تاشقان كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە ياشلار ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلدى، بۇ، بىزنىڭ پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، باشتىن - ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن، شۇڭا جەزمەن باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ياش ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەم پۈتۈن جەمئىيەت ياشلارغا تولۇق ئىشىنىشى، ياشلارغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ياشلارنىڭ ئارزۇسىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ياشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىشى، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىشى، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى بولۇشى، ياشلار خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

  بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلارغا يېقىنلىشىشىمىز، ياشلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلىشىمىز، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى بولۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئىدىيەسى جانلىق، تەپەككۇرى ئوچۇق، قارىشى يېڭى، قىزىقىشى كەڭ، نامەلۇم نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش غەيرىتى يېتەرلىك، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى تېز، سۇبيېكتلىق ئېڭى، قاتنىشىش ئېڭى كۈچلۈك، كىشىلىك ھايات تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك. بۇ خىل ياشلىق تەبىئىتى بېغىشلىغان ياشلىق ھاياتىي كۈچى، قايناق ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشلارنىڭ كۆرگەن - بىلگىنى كۆپ ئەمەس، ئۇلار ئاسانلا ئۆز نۇقتىسىدا، غايە ھالىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ دۇنيانى تونۇيدۇ ۋە چۈشىنىدۇ، بۇنىڭ ئۇلارغا چەكلىمىلىك ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش تەس. بۇ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ قانۇنىيىتى، بىز بۇ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىشىنىش چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ياشلارنىڭ تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىش، دائىم ياشلار ئارىسىغا بېرىش، ياشلار بىلەن ئارىلىق قويماي ئارىلىشىش، يۈزتۇرا پىكىرلىشىش، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ھالىتى، قىممەت يۆنىلىشى، ھەرىكەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى ئىگىلەش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەر ۋە ھادىسىلەرگە بولغان قاراشلىرى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى زەن سېلىپ ئاڭلاش كېرەك. ئۆتكۈر ھەتتا بىر تەرەپلىمە تەنقىدلەرنى ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ، بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش، ياشلارنىڭ راست گېپىنى قىلىدىغان، سەمىمىي سىردىشىدىغان، چىن كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشنى خالايدىغان سىرداش دوستىغا ئايلىنىش كېرەك. ياشلار ياشانغانلاردىن ئۆگىنىشى، ياشانغانلارمۇ ياشلاردىن ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشى، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ياردەم بېرىشى كېرەك.

  بىز ھەقىقىي ھېسسىياتىمىز بىلەن ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ياشلارغا غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ياشلار خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ياشلار كىشىلىك ھايات يولىنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتلەردە دائىم تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە باش قېتىنچىلىقىغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنۇشىغا ئېھتىياجلىق. ھازىرقى زامان ياشلىرى بىز ئىلگىرى ئەزەلدىن دۇچ كېلىپ باقمىغان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بېسىم ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھالبۇكى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ، ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ قولىدىن تارتىپ قويساق، ياردەم قىلىپ قويساق، بەلكى بۇ ياشلارنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، تەرەققىي قىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بىز ياشلارنىڭ ئويلىرى، ئەندىشىلىرى، ئارزۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەتكە سىڭىشىش، ئۆيلىنىش، مۇھەببەتلىشىش، دوست تۇتۇش، ياشانغانلارنى بېقىش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى غەم يەيدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارغا ياخشى تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكى، غەمخورلۇقنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز ياشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ياشلارنى يېتەكلەپ، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك. ياشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى خۇددى يۇمران مايسىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغانغا ئوخشايدۇ، توپا يۆلەشكە توغرا كەلسە توپا يۆلەش، سۇغىرىشقا توغرا كەلسە سۇغىرىش، ئوغۇتلاشقا توغرا كەلسە ئوغۇتلاش، دورا چېچىشقا توغرا كەلسە دورا چېچىش، ياۋا شاخنى چاتاشقا توغرا كەلسە چاتاش كېرەك. كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇشنىڭ بىرلىكىدە، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش بىلەن پائال يېتەكلەشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ياشلارنى دۇنيانى توغرا تونۇشقا، دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشكە، دەۋر ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ھەم ياشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىشىغا تېخىمۇ كەڭرى بوشلۇق ئېچىپ بېرىش، ھەم ياشلارنى پائال تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان كەڭ سەھنىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياشلار ئىدىيەۋى تونۇشتا گاڭگىراپ قالغاندا، كىشىلىك ھاياتتىكى تاللىشى ئاچا يول ئېغىزىغا كېلىپ قالغاندا ئۇلارنى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، ياشلار خىزمەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەندە ئۇلارغا سەمىمىي ئىلھام بېرىش كېرەك، ياشلار كەسىپتە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك، ياشلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا ئۇلارغا ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك، بەزى ياشلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىردەملىك ھاياجانلىنىشى ياكى چەكتىن ئېشىپ كېتىشىگە قارىتا كۆپرەك تەربىيە بېرىپ يېتەكلەپ، كەڭچىلىك قىلىشقا بولسا كەڭچىلىك قىلىش، ئۇلارغا ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە كۆپرەك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىش، ھەددىدىن زىيادە ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. ياشلارنى جاپا - مۇشەققەتلىك بىرىنچى سەپكە بېرىپ جاپاغا چىداپ چېنىقىشقا، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ياشلارنىڭ مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تالانتىنى نامايان قىلىشىغا يول قويۇپ، ياشلارغا ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغان تەرەققىيات شارائىتىنى پائال يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  قەدىمدىن تارتىپ قەھرىمانلار ئۆسمۈرلۈكتىن باشلاپ يېتىلىپ چىققان. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ياش قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياش قەھرىمانلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندا ماركس 30 ياشتا، ئېنگېلس 28 ياشتا ئىدى. لېنىن ئەڭ دەسلەپ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقاندا ئاران 17 ياشتا ئىدى. نىيۇتون بىلەن لېبنىز ئىنتېگرالنى بايقىغان چاغدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 22 ياش ۋە 28 ياشتا ئىدى، دارۋىن يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىغاندا 22 ياشتا ئىدى، ئېينىشتىيىن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا 26 ياشتا ئىدى. جىيا يى «غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى سىياسىي نەزەرىيە»نى يېزىپ چىققاندا تېخى 30 ياشقا كىرمىگەنىدى، ۋاڭ بو قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق ئەسەر «تېڭ ۋاڭ راۋىقى مۇقەددىمىسى»نى يازغاندا ئەمدىلا 20 نەچچە ياشتا ئىدى. بىزنىڭ پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىدە تېخىمۇ ياش قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا ماۋ زېدۇڭ 28 ياشتا، جوۋ ئېنلەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قاتناشقاندا 23 ياشتا، دېڭ شياۋپىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قاتناشقاندا 18 ياشتا ئىدى. ياڭ جىڭيۈ قۇربان بولغاندا 35 ياشتا، جاۋ يىمەن قۇربان بولغاندا 31 ياشتا، جياڭ ھەدە قۇربان بولغاندا 29 ياشتا، قىزىل 34- شىسىنىڭ شىجاڭى چېن شۇشياڭ قۇربان بولغاندا 29ياشتا، چيۇ شاۋيۈن قۇربان بولغاندا 26 ياشتا، لېي فېڭ قۇربان بولغاندا 22 ياشتا، خۇاڭ جىگۇاڭ قۇربان بولغاندا 21 ياشتا، ليۇ خۇلەن قۇربان بولغاندا ئاران 15 ياشتا ئىدى. ئارالنى 32 يىل قوغدىغان ۋاڭ جىسەي تۇنجى قېتىم كەيشەن ئارىلىغا چىققاندا 26 ياشتا ئىدى، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرغان چاڭئې كوللېكتىپى، شېنجوۋ كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 33 ياش، بېيدوۋ كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 35ياش. مۇشۇنداق ياش قەھرىمانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىغا زوقلىنىش ۋە قوللاش نەزەرى بىلەن قارىشىمىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتا كۆزگە كۆرۈنۈشىنى پائال قوللىشىمىز، ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىشىمىز، ئالقىش ياڭرىتىشىمىز، ياشلىق سىيماسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، ياش قەھرىمانلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ تېز قەدەم تاشلاشقا قوزغىتىدىغان جۇشقۇن كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك!

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەمىزنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى، پارتىيەمىزنىڭ ياشلار خىزمىتىدىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «پارتىيە چاقىرغان ھامان ئىتتىپاق ھەرىكەتكە كېلىش»تەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ياشلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ياشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە پائال تۆھپە قوشۇپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە بايرىقى قايسى يۆنىلىشنى كۆرسەتسە، ئىتتىپاق بايرىقى شۇ تەرەپكە يۈزلەندى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ ياشلار ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ياشلارنى يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش، ياشلارنى تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش، ياشلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت تەپەككۇرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو ياشلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك.

  ياشلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قوللاش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بارلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كەڭ شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ياشلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قوللىشى، ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، ياشلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ياش دوستلار، يولداشلار!

  ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى. جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيا ئارزۇسى ماس كېلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئىنسانلار جەمئىيىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا ئىنسانلارغا كۆيۈنۈشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرى، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ دېگەن ئالىيجاناب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

  ياش دوستلار! بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش. بىزنىڭ ياشلار ئۈچۈن ياخشى نەتىجە يارىتىش ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا ھازىرقى ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ يېڭى دەۋرگە پائال قۇچاق ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، ياشلىق باھارىڭلار ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئىنسانلار ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش داۋامىدا تېخىمۇ يارقىن جۇلالانسۇن!

  يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتسە، 4- ماي ياشلار بايرىمى بولىدۇ. بۇ يەردە مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.