تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر بەي جيې) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايدىغانلىقىنى بىردەك بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ بېنياڭنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ھەم 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو - لائوسنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. ئىككى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانى» ئىمزالاشنى پۇرسەت قىلىپ، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى مۇھىم يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ پارتىيە رەھبەرلىكىنى بىر تۇتاش يېتەكچى قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - لائوس ئىككى پارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ ۋە كۈلپەت ئېڭىنى جەزمەن كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن يىلدا ئۇچرىشىدىغان ياخشى ئەنئەنىنى ساقلاشنى؛ نەزەرىيە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك نەزەرىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى؛ كادىرلار ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - لائوس دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادىمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى كۈنسېرى روناق تاپقۇزۇشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تايانچ قىلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو - لائوس ھەمكارلىقى رايون تىنچلىقىنى قوغداش، رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كۈچىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئۈلگە ئېففېكتىنى كېڭەيتىپ، شۇ رايوننىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى، لەنسەنجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنى ماسلاشتۇرۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  بېنياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. بېنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، لائوس تەرەپ جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق مەن جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ لائوسقا نىسبەتەن مۇھىم ئۆرنەك ئېلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بېنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇش لائوس تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان فاڭجېنى، لائوس جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لائوس تەرەپكە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، لائوس - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بېنياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، دۇنيا ۋە رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، لائوس تەرەپ لائوس - جۇڭگو تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، لائوس - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەم شۇ رايوننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانى»نى تۇتقا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، بۇ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق ئىزدىنىش بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر.

  بېنياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانى جەزمەن لائوس - جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا جەزمەن يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ، دەپ بىلدۈردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن بېنياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى»نى ئورتاق ئىمزالىدى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا بېنياڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى خاۋ مىڭجىن، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭۋېي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.