تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ لائوس جۇڭگو-لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يازدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى. لائوس جۇڭگو - لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى جۇڭگوغا كېلىپ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش شۆبە مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئالدىدا، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، لائوس تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو - لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىگە بولغان سەمىمىي رەھمىتىنى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتەك ئاكتىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو - لائوس دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خەت يازغىنىڭلارغا ۋە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئىشلىگەن نەپىس رەسىملەر توپلىمىڭلارغا رەھمەت، بۇنىڭدىن مەن سىلەرنىڭ خۇشال - خۇرام، بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىڭلارنى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىڭلارنى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىڭلارنى ھېس قىلدىم، بۇ كۆڭلۈڭلار مېنى تەسىرلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خېتىڭلاردىن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلار ۋە يۇرتۇڭلار، ئۆگىنىشىڭلار ۋە تۇرمۇشۇڭلارغا كۆپلىگەن ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش مەن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى. جۇڭگو - لائوسنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو - لائوسنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جۇڭگو - لائوسنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. مەن جۇڭگو تىنچلىق - تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەلچىلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ساۋاقداشلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، بالدۇرراق دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، جۇڭگو - لائوس دوستلۇقىنىڭ ئىزباسارلىرىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو - لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن. سىلەرنىڭ بالدۇرراق جۇڭگو - لائوس تۆمۈر يولىدا قاتنىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

  ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭغا يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن لائوس ئارزۇسى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى، بىز سىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇلۇغ تەسەۋۋۇرىنىڭ تەشەببۇسچىسى بولغانلىقىڭىزغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز. بالدۇرراق جۇڭگو - لائوس تۆمۈر يولىدا قاتنىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار يەنە «بىزنىڭ يىپەك يولى ھېكايىمىز» تېمىسىدىكى رەسىملەر توپلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش شۆبە مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە شۆبە مۇنبەر تەشكىللىگۈچىسى ئارقىلىق شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلىشنى ھاۋالە قىلدى. رەسىملەر توپلىمىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى 58 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسىرى كۆڭۈل قويۇپ تاللانغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو - لائوسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 58 يىللىقى تەبرىكلەندى، لائوس خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىق خۇشاللىقى ۋە بەختى ھەمبەھرىلەندۈرۈلدى.

  جۇڭگو - لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى 2012- يىلى جۇڭگونىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو تەرەپ ئۇدا پىدائىي ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغان ھەم مائارىپ، ئوقۇتۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، جۇڭگو - لائوس دوستلۇقىنىڭ ئۈلگە تۈرىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.