تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى، پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى، نېپال زۇڭتۇڭى بىلەن ئايرىم - ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، سۇڭ مېيلى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 29- كۈنى خەلق سارىيىدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ماۋرېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. شىۋېيتسارىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان ھەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، بۇ، شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا شىۋېيتسارىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرى سىڭگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئورناتقان ئىجادىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەل بىلەن ئورناتقان يېڭىلىق يارىتىشنى بەلگە قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى. جۇڭگو تەرەپ شىۋېيتسارىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتەك ھەمراھلىق روھىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، بولۇپمۇ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان زەربىدارلىق روھىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. شىۋېيتسارىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئالدىن يولغا قويغۇچى، ئالدىن سىناق قىلغۇچىلاردىن بولغانىدى، ھازىر شىۋېيتسارىيە كارخانىلىرى يەنە جۇڭگودىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نەپ ئالغۇچىلىرىغا ئايلاندى. جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. بىز داۋاملىق شىۋېيتسارىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوچۇق، ئادىل تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز. ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك ئادىمىيەت روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پائال تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  ماۋرېل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان، شىۋېيتسارىيە - جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى راۋاجلاندى. شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو خەلقى ئوخشاشلا تىرىشچان، ئىشەنچلىك، يېڭىلىق يارىتىش خىسلىتىگە ئىگە، بۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىدىكى پۇختا ئاساس. 2017- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەنى زىيارەت قىلدى ھەم داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى، بۇ ھازىرغىچە كەڭ تەرىپلەنمەكتە. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىكى مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئالقىشلايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» بىر ئۇلۇغۋار تەشەببۇس، تىنچلىق تەشەببۇسى بولۇپ، رايون، مىللەت ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىۋېيتسارىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ياۋروپادا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بۇ رامكا ئىچىدە سودا، سېلىنما، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىۋېيتسارىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئەسلا چەكلىمە قويمايدۇ. شىۋېيتسارىيە جۇڭگو بىلەن بولغان قىشلىق تەنھەرىكەت ھەم باشقا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا ماۋرېل ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋەن ئېشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، گەي بومىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 29- كۈنى خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سوسا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئۆزئارا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىكلىكى گەۋدىلىك، مەنپەئەتنى ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، ئىقتىسادنى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆزئارا زىيارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە ئىگە، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جۇڭگو پورتۇگالىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، توك ئاپتوموبىلى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ئادىمىيەت، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ. تىنچ تەرەققىي قىلىشنى ئىنتىلىش قىلىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوللاپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاۋمېن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. ئاۋمېن جۇڭگو - پورتۇگالىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگونىڭ پورتۇگالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپنىڭمۇ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاش ئۈچۈن پائال رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  دې سوسا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ پورتۇگالىيەدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. پورتۇگالىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ۋە ئاۋمېن ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگو قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق دوستلۇقىنى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز كامىل. مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا كېلىشىم پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 3- تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز. پورتۇگالىيە ياۋروپا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، ئەركىن سودىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا دې سوسا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ما يەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 29- كۈنى خەلق سارىيىدا نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى تۇتاش، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نېپال تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، نېپال تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو تەرەپنى يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، نېپال تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتناشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو - نېپال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - نېپال چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نېپالنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، پارتىيە، ياشلار، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو - نېپال دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو - نېپال دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي خاراكتېرلىك تەشەببۇس بولۇپ، يەر شارىۋى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولدى، شۇنداقلا نېپال - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. جۇڭگو نېپالنىڭ ھەقىقىي دوستى، ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە زىچ ئالاقىسى بار، ھەر ئىككىلىسى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى نېپال ئۈچۈنمۇ پۇرسەت. نېپال بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى ھەرقانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى شەرتسىز قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا باندارى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.