تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بويىچە 21- ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن 1- قېتىملىق خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

سۇڭ داخەن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى چېن چۈەنگو ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى

ۋاڭ جاۋشىڭ، شۆھرەت زاكىر قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بويىچە 21- ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن 1- قېتىملىق خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ داخەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئالدىنقى بىر باسقۇچلۇق ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بويىچە 21- ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جاۋشىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى.

  سۇڭ داخەن تۆۋەنگە چۆكۈپ ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق ئالتە تەرەپتىكى ھەمدە بىڭتۇەن بىلەن ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسەتتى ھەم تۈزىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ، مەخسۇس كۈرەشنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. پاش قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ بىر پۈتۈن بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر دېلونى ئۈچ تەكشۈرۈش» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مۇناسىۋەت تورى» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يەنىمۇ تازىلاپ، ئاساسىي قاتلام جەڭگىۋار قورغىنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاپالەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى قاتلاملاردا بىڭتۇەنگە بولغان يېتەكچىلىك قىلىش، ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئورتاق ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى بىزنىڭ چۈشۈپ قالغانلارنى ئېنىقلاپ، كەم قالغانلارنى تولۇقلاپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلىشىمىز ئۈچۈن ئېنىق نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ بىزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزغا قارىتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايون سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش، ھەقىقىي تۈزىتىش - ئەمەلىي تۈزىتىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، كۈچلۈك تۈرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئۆزى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، تۈزىتىش تىزىملىكى ئورنىتىپ، تۈزەش تىزىملىكى تۈزۈپ، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى، تۈزىتىش تەدبىرى، تۈزىتىش تەلىپى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەز ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ بىرمۇبىر ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەربىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزىتىش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگۈچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك.

  مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بويىچە 21- ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ شىن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.