تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جىبۇتى زۇڭتۇڭى، چېخ زۇڭتۇڭى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى، پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار بەي جيې، گەي بومىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىدا جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن جىبۇتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت سەمىمىي دوستانە ئۆتۈپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتى تەرەپ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جىبۇتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جىبۇتىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  گېللې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىردىنبىر بولۇپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئالاقە راۋان بولغان بىر دۇنيا، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشىدۇ. جىبۇتى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىلىرى مول، جىبۇتى تەرەپ جۇڭگونىڭ سەمىمىي دوستانە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، جىبۇتىنى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھالدا كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تاشقى مۇھىتتىكى ئاشۇ ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»غا بولغان ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، بىزنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار پەن جيې، سۇڭ مېيلى) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چېخ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، دوستانە ھەمكارلىق باشتىن - ئاخىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى. بىز باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرىمىز، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرىمىز. جۇڭگو تەرەپ چېخ تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەشەببۇس قىلىدۇ. بىز زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە ئاشكارا، ھەققانىي سۆز قىلغانلىقىنى، جۈملىدىن جۇڭگونىڭ تېلېگراف كارخانىلىرىغا ئادىل، ھەققانىي مۇئامىلە قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئالقىشلايمىز. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىشنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. چېخ تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  زېمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، چېخ بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن خۇشالمەن. جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. چېخ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ، چېخ بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چېخ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار سۈن يى، گەي بومىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ زۇڭتۇڭ راخماننىڭ تاجىكىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى تاجىكىستاننىڭ 2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. پورتتا تاموژنىدىن ئۆتۈش ئىقتىدارى، تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودىنى كېڭەيتىشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تاجىكىستانغا بېرىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ سانائەتلىشىش تەرەققىياتىغا ھەمدەم بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا تاجىكىستان مەدەنىيەت بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىللە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  راخمان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ نەتىجىسى مول بولدى، ئۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىش بولماستىن، بەلكى ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيا خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا تاجىكىستاننىڭ سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. تاجىكىستان تەرەپ ناھايىتى بۇرۇنلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغان، 2030- يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سېلىنما، يۇقىرى تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تاجىكىستان - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار بەي جيې، ما يەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلانماقتا. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايمەن. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويغان ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى قوللايدۇ. قىرغىزىستان ئەڭ بۇرۇن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى قىرغىزىستاننىڭ «2040- يىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى تېز يولغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ بۇ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

  ژېنبېكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەر نەتىجىلىرى دۇنياغا نىسبەتەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو لايىھەسىنى ئاڭلىدى. ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، مەن جۇڭگو خەلقى قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەردىن خۇشالمەن. «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا»، جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ مۇستەھكەم، ئىشەنچلىك ياخشى قوشنىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو بەرگەن قىممەتلىك مەدەتكە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، سودا، سېلىنما، سۇچىلىق، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار بەي جيې، ما يەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىدا پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاكىستان جۇڭگونىڭ پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۆزئارا «قەدىناس» دوستلار، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر قەتئىي ئۆزئارا قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى ئەۋزەللىك يۆنىلىشى ئورنىغا قويىدۇ. خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تەرەققىيات يولىنى ئۆزى تاللىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىزم كۈچلىرىگە زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ ياخشى تاشقى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى بۇلتۇر 11- ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىككى تەرەپ داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا قوللاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئىمران خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى پاكىستاننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان پاكىستاننى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ئىشلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، پاكىستان - ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەم ئۇنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.