تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

4- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ يەنچىڭدا 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ليۇ خۇا، پەن جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭ يەنچىڭدا 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  گۇيرۈيخۇ كۆلى بويىغا جايلاشقان دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيى خۇددى ئىللىق رۇيىدەك تاغ ۋە سۇ ئارىسىدا نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭگو سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى مۇقەددىمە زالىدا چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىلىق فىلىمىنى كۆردى ھەم ياپيېشىللىققا پۈركەلگەن دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باش تېما تېمى ئالدىدا كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن بىللە جۇڭگو سارىيىنىڭ شىمالىي جۇڭگودىكى، غەربىي شىمالدىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر كۆرگەزمە رايونىغا كىرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈملۈكلىرى ۋە نەپىس باغۋەنچىلىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونىغا كىرگەندە، گۈل - گىياھلار بىلەن قاپلانغان كونا بېيجىڭ سىخېيۈەن قورۇسىنىڭ رۇيى دەرۋازىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى، يىخېيۈەن باغچىسىنىڭ تىرىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولغان تەشتەككە تىكىلگەن قەدىمكى گۈيخۇا گۈلى ۋە سوغۇققا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەتىر گۈلنىڭ يېڭى تۈرى باغۋەنچىلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. شەنشى كۆرگەزمە رايونى ئىچىدە، «ئىستېرېئولۇق رەسىم، ئاۋازسىز شېئىر» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە تەشتەك مەنزىرە سەنئىتى مېھمانلارنىڭ توختىماي ماختىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ داڭلىق «مېۋە - چېۋە ماكانى»، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان چوڭ ئانارلارنىڭ دانىلىرى پارقىراق، دانلىق ۋە چىڭ يېپىشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. خۇبېي كۆرگەزمە رايونىدا كۆرگەزمە قىلىنغان «تەشتەك مەنزىرىسى شاھى» − خۇبېي ئەرمۇدۇنى جۇڭگو تەشتەك مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  جۇڭگو سارىيى «ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشقان گۈزەل جۇڭخۇا» ئىدىيەسى بويىچە، جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى كۆرگەزمە رايونى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر باغۋەنچىلىك كەسىپلىرى مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمە رايونى، باغۋەنچىلىك تۈرلىرى بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى كۆرگەزمە رايونى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى گۈل تىزىش سەنئىتى كۆرگەزمە رايونىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ «نەپەس» ئالالايدىغان، «ھاياتلىق»قا ئىگە يېشىل ئىمارەت ئىدى.

  شى جىنپىڭ ۋە ئەزىز مېھمانلار قىزىقىپ كۆردى، پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سارىيىدا قويۇق رايون مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان، گۈزەل باغۋەنچىلىك ھېكايىسى سۆزلەنگەن، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىزنى گۈزەل باغۋەنچىلىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭدا جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ يېشىل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان.

  چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە باغۋەنلەرنىڭ ھۈنەرۋەنلىك ماھارىتىنى بەس - بەستە ماختاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەڭدار، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن بىللە، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىغا كەلدى. ئۇلار كامبودژا، چېخ، جىبۇتى، قىرغىزىستان، بىرما، نېپال، پاكىستان، ياپونىيە، سىنگاپور ۋە تاجىكىستاننىڭ گۈللۈكىنى تەرتىپ بويىچە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئون دۆلەتنىڭ گۈللۈكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۈلى، ئۆزگىچە گۈل - گىياھلىرى لايىھەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئادىمىيەت مەنزىرىسى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنيا خەلقى دوستانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كاتتا مەرىكە ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى ئىدى. چەت ئەللىك مېھمانلار جۇڭگو تەرەپنىڭ ساھىبخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە «دوستلۇق بوستانلىقىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ قۇت بەلگىسى بولۇپ ياسانغان «شياۋ مېڭخۇا»، «شياۋ مېڭيا»لارنىڭ ھەمراھلىقىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن سىرتتىكى چىملىققا قاراپ ماڭدى، جۇڭگو، چەت ئەلنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان پىدائىيلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ ۋە چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى چىملىقنىڭ مەركىزىدىكى تۈپ - تۈپ شىفۇ تاش ئالمىلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، گۈرجەكنى ئېلىپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ توپا يۆلىدى ھەمدە ياغاچ چېلەكنى ئېلىپ كۆچەتلەرنى سۇغاردى. «دوستلۇق بوستانلىقىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش» مۇراسىمىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇ چۈنخۇا، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.