تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ياسىن مەتتۇرسۇن

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، ئىجتىمائىي ئىناق، مۇقىم ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەلرايىنى مايىل قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن، پوزىتسىيەم قەتئىي ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلايمەن، تەنقىدلەيمەن ھەم ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  مەن ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشىمنى توغرىلاپ، پارتىيە ۋە خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  مەن ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقىمنى، قەتئىيلىكىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن؛ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىمەن. كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان توغرا ئىدىيەۋى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، خاتا ئىدىيەنىڭ زەھىرىنى تازىلايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى