تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىدىكى تەلەپلەر بويىچە، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا «سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» باش تېما قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، دىققەت كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئانالىز قىلىنىپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس لايىھە تۈزدى. يىغىندىن ئىلگىرى، دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگەندى، نامرات ناھىيەلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش، سىردىشىش، سۆزلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۈزتۇرا پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئالدى. شۇ ئاساستا، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دىققەتنى كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  يىغىندا، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت بەنزە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلىپ، كەسكىن، ئەستايىدىل ھالدا تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، چېن چۈەنگو خۇلاسە سۆزى قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «قوش گۇرۇپپا باشلىقى» تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر يىلتىز تارتقۇزۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، بايلىق ۋە كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خادىملار ئەمەلىيلىشىش، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلىشىش، خىزمەت ئەمەلىيلىشىش، ئۈنۈم ئەمەلىيلىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتنىڭ نامرىتىنى، قىيىننىڭ قىيىنىنى يېڭىش ئۆتكىلىنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، بىرى ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگىچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغىچە قويۇۋەتمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما رازى بولغىدەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، نىشاندا چىڭ تۇرۇش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، كۆك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشاننى ئۆزگەرتمەي، نىشان مەركىزىنى چېچىۋەتمەي، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىشتىن، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىرقى تۈرلۈك سىياسەتنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭىدىن نامراتلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باش - ئاخىرىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، «ساختا شەكىلدىكى» «ھېسابات شەكلىدىكى» «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» «تۇراقسىز شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەربىر پۇڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.