تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى فېي): 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى لوپنۇر بۆلىكىدە، ئەلى نىياز (ئالدىدىكى بىرىنچى كىشى) ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش «چۆپ كاتەك» نەق مەيدانىنى چارلىماقتا. ئەلى نىياز شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى توغراقلىقنى پەرۋىش قىلىش، قوغداش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ 25 يىل ئىپتىدائىي توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئورمان رايونىنى چارلاش، تەكشۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك سۇ باشلاش، «چۆپ كاتەك»نى قوغداش، ئېگىزگە چىقىپ كۆزىتىش ئۇنىڭ كۈندىلىك «زۆرۈر ئىشى»دۇر.
بۇ يىل شىنجاڭ «تەبىئەت ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىقنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى چېكىنگەن توغراقلىقلارنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.