تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى راھىلە مەمەتئابلا

  مەن ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە 14 يېشىمدا خاڭجوۋغا بېرىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. خاڭجوۋدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ياخشى ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، ھەر ئايدا يەنە ۋاقتىدا تارقىتىلغان تۇرمۇش پۇلىنى ئالدىم. كۆپ ئوقۇيالمىغان دادام دائىم: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى!» دەيتتى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تولۇپ تاشقانىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مەن ئاساسىي قاتلام كادىرى ھەم بىر پارتىيە ئەزاسى بولدۇم. كۈندىلىك خىزمەتتە، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ كەڭ ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، شۇنداقلا خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاممىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن كۈلكىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، مەن ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  نۆۋەتتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىدە، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، باشتىن - ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، قەتئىي ھالدا تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى